خوڭكوڭدا 3 نەپەر جىنايەتچىلەر كاتتىۋېشى خوڭكوڭلۇق دېموكراتچىلارنى قەستلەش جىنايىتى بىلەن جازاغا تارتىلغان

شەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا قارىغاندا، خوڭكوڭدا 3 نەپەر جىنايەتچىلەر كاتتىۋېشى كۆزگە كۆرۈنگەن خوڭكوڭلۇق دېموكراتچىلارنى قەستلەش جىنايىتى بىلەن جازاغا تارتىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، بۇ ھەقتىكى سوت خىتاينىڭ شېنجېن شەھەرلىك سوتىدا ئېچىلغان.

سوتتىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر كاتتىۋاشلار، خوڭكوڭلۇق جىمىي لەي، ۋە مارتېن لى قاتارلىقلارنى زەخىملەندۈرۈش ۋە قانۇنسىز زەھەرلىك دورىلارنى ساقلاش جىنايىتى بىلەن 18 يىللىق قاماققا بۇيرۇلغان.

ئاشكارىلىشىچە، جۈمە كۈنى ئېچىلغان يېپىق سوتتا بۇ جىنايەت كاتتىۋاشلىرى بىلەن بىرلىكتە يەنە ئىككى نەپەر خوڭكوڭلۇق ۋە ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسىنى ئوز ئىچىگە ئالغان 10 جىنايەتچى سوتلانغان ۋە 3 تىن 6 يىللىققىچە قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئەسلى تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان بىر خوڭكوڭلۇق سودىگەر، 1 مىليون دوللار خەجلەپ خوڭكوڭدىكى ئالما خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ نەشر قىلغۇچىسى جىمىي لەي ۋە سابىق شەھەرلىك دېموكراتىك پارتىيە رەئىسى مارتېن لىنى "خىتايغا ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە قارشى" دەپ، قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 10 جىنايەتچىلەرنىڭ قولغا ئېلىنىشى بۇ يىل ئاۋغۇستتا ياللانما قاتىل خۇئاڭ خوڭكوڭدا قولغا چۈشكەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت