خوتەنلىك بىر ئۇيغۇر: دىنىمىزنىڭ چەكلىنىشىگە چىداپ تۇرالمايمىز

«جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» دە خەۋەر قىلىشىچە، دۈشەنبە كۈندىكى ھۇجۇمىدىن كېيىن خوتەن شەھىرى تىنچلانغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر-خىتايلار ئارىسىدىكى جىددىيلىك يەنىلا پەسەيمىگەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-07-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گېزىت مۇخبىرىنىڭ يەرلىكلەردىن ئىگىلىشىچە، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا قاراتقان ناھەق سىياسەتلىرىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەسىلەن، ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت ھەيدەيدىغان بىر ئۇيغۇر ھاممال: «ئەگەر ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار سوقۇشۇپ قالغان بولسا، ساقچىلار گەپ-سۆزسىزلا ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ كېتىدۇ» دېگەن ۋە ھەتتا كىملىك كارتىسى ئېلىش ئۈچۈنمۇ شۇ ئىشقا مەسئۇل خادىملارغا پارا بەرمىسە؛ ئىش پۈتمەيدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.

يەنە بىر 40 ياشلار چامىسىدىكى ئۇيغۇر ئايال ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ «2009- يىلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خوتەندە دىنىي يوسۇندا كىيىنىدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى» دېگەن تەشۋىقاتىنى رەت قىلغان ۋە بۇ خىل كىيىنىشنىڭ ئۇزۇن تارىختىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇت-ساقال ۋە يۈزنى ئوراش يوسۇنىغا قارىتا قويغان چەكلىمىلەرنىڭ يەرلىكلەرنى غەزەپلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاخىرىدا يۇقىرىدىكى ھاممال ئۇيغۇر: «بىز ئۇيغۇرلار باشقا باستۇرۇشلارغىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيمىز، ئەمما دىنىمىزنىڭ چەكلىنىشىگە چىداپ تۇرالمايمىز» دېگەن.

18- ئىيۇل بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خوتەندىكى بىر ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىپ، 4 خىتاي ساقچىنى ئۆلتۈرگەن كېيىن، خىتايدا دائىرىلىرى ھۇجۇمچىلاردىن 14 نەپرىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

ھازىرغىچە ۋەقەنىڭ سەۋەبى ۋە ۋەقەدە يەنە قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى تولۇق ئاشكارىلانمىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت