خوتەن ۋىلايەتلىك سوت ئىككى ئۇيغۇرنى تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى خوتەن ۋىلايەتلىك سوت مەھكىمىسى ئىككى ئۇيغۇرغا سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن 15 ۋە 8 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۇ ھەقتە بايان ئېلان قىلىپ، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-03-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ ھەقتە توختالغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، خەلقئارا ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ھەر ئىككىلا نامايىشنىڭ تىنچ يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلار ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ ئىككى ياشقا بېرىلگەن ئېغىر جازالارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئۆكتىچىلەرگە قاراتقان قاتتىق سىياسەتلىرىنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېگەن: " بايراق چىقىرىشقا ئۇرۇنۇشتەك كىچىككىنە ھەرىكەتلەرمۇ، نەچچە يىللىق قاماق بىلەن جازالىنىدۇ. بۇنى مەنمۇ بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ ۋەھشىيلىك ھەم ئىنسان قېلىپىدىن چىققانلىق."

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇقادىر مەخسۇم خىتاي تۈرمىسىدە نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەر سودىگەرنىڭ ئۆلۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 2008 - يىلى 27 - فېۋرال، خوتەندە نامايىش تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، خوتەنلىك ياش مەمەت ئېلى ئەخەتكە، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى خوتەن شەھەر مەركىزىدىكى سابىق خىتاي رەئىسى ماۋنىڭ ھەيكىلىگە ئېسىشقا ئۇرۇنغان دېگەن جىنايەت بىلەن 8 يىللىق قاما جازاسى بېرىلگەن.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت