تۈرمىدىكى ئۇيغۇر خرىستىئان مۇرىتى ئائىلىسى قېرىندىشىنى ھەر ئايدا بىر قېتىم يوقلاش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلدى

تۈرمىدىكى ئۇيغۇر خرىستىئان مۇرىتى ئالىمجان ھىمىت ئائىلىسى قېرىندىشىنى ھەر ئايدا بىر قېتىم يوقلاش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ، يوقلاش مۇددىتى ھەر 3 ئايدا بىر قېتىمغا ئۆزگەرتىلدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-01-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالىمجاننىڭ ئايالى 3 ھەپتە ئىلگىرى ئېرىنى يوقلاش ئۈچۈن تۈرمىگە بارغاندا رەت قىلىنغان. دائىرىلەر ئۇنىڭغا يېڭى تۇزۇم بويىچە ئېرىنى پەقەت ئۇچ ئايدا بىر قېتىم يوقلىيالايدىغانلىقى، كۆرۈشۈش ۋاقتىنىڭ 10 مىنۇت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئالىمجاننىڭ ئادۋوكاتى رادىئومىزغا، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا كۆرۈشۈشنىڭ ھەر ئايدا بىر قېتىم بولىدىغانلىقى، ئاتالمىش «3 ئايدا بىر قېتىم يوقلاش» بەلگىلىمىسىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالىمجان 3 يىل ئاۋۋال «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى» بىلەن 15-يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى 3-تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت