جەنۇبىي كورىيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىلەر بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ باردى

جەنۇبىي كورىيە بۈگۈن ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ باردى. بىر كۈن داۋام قىلغان بۇ قېتىملىق ھەربىي مەشىق قانۇنسىز قوراللارنى دېڭىز يولى ئارقىلىق يۆتكەش پائالىيەتلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-10-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ھەربىي مانېۋىر شىمالىي كورىيىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇلار مانېۋىر باشلاشتىن بۇرۇنلا جەنۇبىي كورىيىنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرغان شۇنداقلا جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى قانۇنسىز قوراللارنى يۆتكەشكە قارشى ھەرىكەتكە قاتنىشىشىنى شىمالىي كورىيىگە قارشى قىلىنغان بىر ھەرىكەت دەپ باھالىغان.

قانۇنسىز قوراللارنى يۆتكەشكە قارشى كۈرەش پروگراممىسىغا 90 دىن ئارتۇق دۆلەت ئەزا بولۇپ، 2003 - يىلىدىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەربىي مانېۋىرغا 10 پاراخوت ۋە بىر قانچە تىك ئۇچار ئايروپىلانلار قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، مانېۋىر جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە ئارىلىقىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت