ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە دوكلاتىدا ئامېرىكىنىڭ رايون تىنچلىقىنى ساقلاشتىكى ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى

ياپونىيە دائىرىلىرى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان دۆلەت مۇداپىئە دوكلاتىدا ئامېرىكىنىڭ رايون تىنچلىقىنى ساقلاشتىكى ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-09-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

س ن ن خەۋەرلەر تورىدا نەقىل قىلىشىچە، دوكلاتتا خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە سېلىنمىسىدىكى خۇپىيانىلىك ۋە ھەربىي تەرەققىيات يۆلىنىشىدىكى ئېنىقسىزلىق ياپونىيە دائىرىلىرىنى بىئارام قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2004 - يىلى نويابىردا خىتاي يادرو يېقىلغۇلۇق سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن. 2010 - يىلى ئاپرېلدا خىتاينىڭ سۇ ئاستى ۋە سۇ ئۈستى ھەربىي كېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 پاراخوتى ياپونىيىنىڭ ئوكىنوتورى ئارىلىغا يېقىنلاشقان.

دوكلاتتا، ئەگەر ياپونىيە خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قالسا ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىنى قوغداشتا ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا يەنە، شۇ خىل ئەھۋالدا ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئوكىناۋاغا ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ زۆرۈر ئىستراتېگىيىلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يېقىندا ياپونىيە دېڭىز ساقچىلىرى خىتاينىڭ بىر بېلىقچى كېمىسىنى توسۇپ قالغان ۋە ئۇنىڭ كاپىتاننى قولغا ئالغان ئىدى. بۇ، خىتاي - ياپونىيە ئارىسىدىكى تالاش - تارتىشىنى ئۇلغايتقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت