ياپونىيىنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتايغا قاتتىق قول بولىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەردى

ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭ قانات كونسېرۋاتىپ سىياسەتچىلىرىدىن سابىق قاتناش مىنىستىرى سېيجى مېخارا جۈمە كۈندىن باشلاپ سابىق ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئوكادانىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ئورنىغا ئولتۇردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-09-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مېخارا ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى شەرقىي دېڭىزدىكى بەزى تاقىم ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقنى تالىشىش يۈزىسىدىن جىددىيلەشكەن مەزگىلدە بۇ ۋ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىق قول بولىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەرگەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مېخارا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن سەل بۇرۇن ياپونىيىنىڭ ئىشىگاكى تاقىم ئارىلىدىكى دېڭىز ساھىلى قوغداش قىسىملىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، " قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، شەرقىي جۇڭگو دېڭىزىدا تېررىتورىيىلىك مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. بىز ياپونىيىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈك مەسىلىسىدە ئۈزۈل - كېسىل ۋە قەتئىي پوزىتسىيىدە تۇرۇشىمىز كېرەك" دېگەن.

ياپونىيە دېڭىز ساھىلىنى قوغداش قىسىملىرىنىڭ يېقىندا خىتاي بېلىقچىلار كېمىسىنى تۇتۇپ قېلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، خىتاي پۇقرالىرىدا ياپونىيىگە قارشى ئۆچمەنلىك قوزغىغان ئىدى.

بۇ ۋەقە 18" سېنتەبىر ۋەقەسى"نىڭ 69 يىللىق خاتىرە كۈنى ھارپىسىغا توغرا كەلگەنلىكتىن خىتايدىكى بەزى مىللەتچى ئاممىۋى گۇرۇھلار ۋە ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى شەنبە كۈنى بېيجىڭدا ياپونىيىگە قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشنى پىلانلىغان. مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىگە قارشى نامايىشقا دەسلەپتە سۈكۈت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن جۈمە كۈندىن باشلاپ، دائىرىلەر ئوقۇغۇچىلاردىن نامايىش قىلماسلىقنى، مۇقىملىقنى ساقلاشنى تەلەپ قىلغان.
 
ياپونىيە جۈمە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياپونىيە - خىتاي ئارىسىدا تالاش - تارتىشتىكى شەرقىي دېڭىز رايونىغا گاز قېزىش ئەسلىھەلىرىنى يوللىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاي تەرەپنىڭ ھەرىكىتىنى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئەڭ ئېغىر دىپلوماتىك ئىختىلاپ، دېگەن.


 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت