ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىق بىلەن تەنقىد قىلدى

15 - ماي كۈنى جەنۇبىي كورىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياپونىيە - خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي تەرەپنى يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش ۋەدىسىنى ھېچقاچان ئاقلىمىغانلىق بىلەن تەنقىد قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2010-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتسۇيا ئوكادا سۆزىدە يەر شارىدىكى يادرو قوراللىرىغا ئىگە بەش دۆلەتنىڭ بىرى بولغان خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىنى قىسقارتماستىن، ئەكسىچە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش ئېقىمىغا ماسلىشىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەندە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ما جوۋشۇ ياپونىيىنىڭ بۇ مەيدانىنى "مەسئۇلىيەتچانلىقى يوق سۆز - ھەرىكەت" دەپ تەنقىد قىلغان.

خەلقئارا يادرو بىخەتەرلىكى يىغىنى ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكىنىڭ ساھىپخانلىقىدا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەندە خىتاي تەرەپمۇ يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدە كېلىشىپ بولغانلىقى مەلۇم.

جەنۇبىي كورىيىدىكى ئۇچرىشىشتا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ يېقىندا ياپونىيىنى زىيارەت قىلىشى بېكىتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت