ياپونىيە بىلەن ھىندىستان سىيرەك توپا بازىلىرىنى بىرلىكتە ئاچماچى

29- ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ياپونىيە ۋە ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى توكيودا ئۇچرىشىپ، سىيرەك توپا بازىلىرىنى بىرلىكتە ئېچىش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-10-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سۆھبەت ياپونىيە تاشىقى ئىشلار مىنىستىرى كوئىچىئورو گېمبا بىلەن ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى س م كرىشنا ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان.

ئۇلار يەنە ئۇزۇندىن بۇيان توختاپ قالغان ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى يادرو سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارغا ئىشلىتىدىغان سىيرەك توپىلارنىڭ كۆپ قىسمىنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان بولۇپ، خىتاي 2010- يىلدىكى سېنكاكۇ كېمە ۋەقەسىدىن كېيىن ياپونىيىگە قارىتىلغان سىيرەك توپا ئېكسپورتىنى قىسقارتقان ئىدى.

ياپونىيە شۇندىن كېيىن سىيرەك توپا ئىمپورت قىلىدىغان باشقا يوللارنى ئىزدەشكە باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ بۇ يىل مارتتىكى فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋەقەسىدىن كېيىن توختاپ قالغان ھىندىستانغا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇش سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈستىدىمۇ سۆزلەشكەن.

تولۇق بەت