ياپونىيە ئۆزبېكىستان بىلەن ئۇران ۋە سىيرەك توپا قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلدى

دۈشەنبە كۈنىدىكى كېلىشىم، ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى رۇستەم ئەزىموف بىلەن ياپونىيە سودا-سانائەت مىنىستىرى بانرى كائىئېدا ئارىسىدا ھازىرلانغان
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-02-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياپونىيە تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەت يەنە ياپونىيە ئۆزبېكىستان بىلەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ھەققىدىمۇ كېلىشىملەر تۈزگەن.

ئۆتكەن يىلدىكى سېنكاكۇ كېمە ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ياپونىيىگە سىيرەك توپا ئېكسپورت قىلىشنى بىر مەزگىل توختاتقان.

ياپونىيە شۇندىن كېيىن سىيرەك توپىلارنى ئىمپورت قىلىدىغان باشقا يوللارنى ئىزدەشكە كىرىشكەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزبېكىستان ياپونىيىنى سىيرەك توپىلار بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە ۋەدە قىلغان.

ياپونىيە-ئۆزبېكىستان ئارىسىدا تۈزۈلگەن مەزكۇر كېلىشىملەر ئۆزبېك پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموفنىڭ ياپونىيە زىيارىتىدىن بىر كۈن بۇرۇن ھاسىل قىلىندى.

تولۇق بەت