ياپونىيە سودا مىنىستىرى خىتاينى ياپونىيىگە سىيرەك مىنېراللارنى ئېكسپورت قىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قىستايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ياپونىيە سودا مىنىستىرى سەيشەنبە كۈنى، خىتاينى ياپونىيىگە سىيرەك مىنېراللارنى ئېكسپورت قىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قىستايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-10-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ياپونىيىگە سىيرەك مىنېراللارنى سېتىشنى توختاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەندىن كېيىن، ياپونىيە ئىقتىساد، سودا - سانائەت مىنىستىرلىقى ياپونىيىدىكى ماددىلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 152 شىركەت ئۇستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

بۇلارنىڭ ئىچىدە 35 شىركەت خىتايدىن سىيرەك مىنېراللارنى ئىمپورت قىلىشنىڭ دەخلىگە ئۇچرىغانلىقىنى دەلىللىگەن.

ياپونىيە دائىرىلىرى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۈسۈپ كىرگەن خىتاي بېلىقچى كېمىسىنى توسۇپ، كاپىتانىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، خىتاي مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ ياپونىيىگە سىيرەك مىنېراللارنى ئېكسپورت قىلىشىنى توختاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكى ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان.

ياپونىيە سودا مىنىستىرى ئاكىھىرو ئوھاتا "خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي باياناتىدا بۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ راستلىقىنى بىز ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ" دېگەن.

ئۇ، خىتايغا خىتاب قىلىپ، "ھۆكۈمىتىمىز خىتاينىڭ بۇ ئەھۋالنى ئوڭشاشنى كەسكىن تەلەپ قىلىدۇ" دېگەن.

سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خىتاي - ياپونىيە ئارىسىدا يەنىلا تالاش-تارتىش قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت