ئىككى نەپەر ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى سېنكاكو ئارىلىغا چىقتى

11- دېكابىر كۈنى ياپونىيە پارلامېنتنىڭ ئىككى نەپەر ئەزاسى ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان سېنكاكو ئارىلىغا چىققان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2010-12-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، كېيىنكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە مەزكۇر ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە جىددىيلىكلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا قارىماي، مەزكۇر ئىككى نەپەر ياپونىيىلىكنىڭ ئارالغا قەدەم بېسىشى خىتاي تەرەپنى نارازى قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۇنى ئەيىبلەپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيە تەرەپكە بۇ مەسىلىدە قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي باياناتچىسى سۆزىدە،" ئىككى نەپەر ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قىلمىشى جۇڭگونىڭ زېمىنغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان ئېغىر تاجاۋۇزلىقتۇر" دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە، سېنكاكو ئارىلىنىڭ قەدىمدىنلا جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن. بىراق، ياپونىيە تەرەپ ئىزچىل تۈردە بۇ ئارالنى ئۆز تۇپرىقى دەپ ھېسابلىماقتا. مەزكۇر ئىككى پارلامېنت ئەزاسى بۇ ئارالغا چىقىپ، 40 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت