ياۋروپا بىرلىكى ۋە ئامېرىكا، خىتاينى ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبونى قويۇۋېتىشكە چاقىردى

تۈنۈگۈن ياۋروپا بىرلىكى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبونى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. ليۇ شاۋبو، بۇ يىل 53 ياش بولۇپ، ئۇ 1989 ‏-يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا قاتناشقان، ئۆتكەن يىلى يەنە "2008 نىزمناىسى" نامىدا بىر تەلەپنامە ھازىرلاپ، خىتاينى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009-12-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ سەۋەبلىك ئۇ ئۆتكەن يىلى قولغا ئېلىنغان ۋە نۆۋەتتە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىدى.

ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبونىڭ تەقدىرىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى ئامېرىكا بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۆتكەن ھەپتە بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشكە، بۇنىڭ بىلەن تەڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۇ ھەقتە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ مۇستەقىل بىر ئورگان ئىكەنلىكىنى شۇڭا، ياۋروپانىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا، جۈملىدىن قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قارارلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت