20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا ياۋروپا ئەللىرىنىڭ قەرز كرىزىسىنى ھەل قىلىش تەكىتلەندى

7-نۆۋەتلىك 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىنىڭ ئىككىنچى كۈنى رەھبەرلەر ياۋروپا ئەللىرىنىڭ قەرز كرىزىسىنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە مەخسۇس ئۇچرىشىپ، خىزمەت پۇرسىتى يارىتىش ۋە ئىقتىسادىي ئۆسۈشنى تىزلىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە بىر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىشقا تۇتۇندى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رەھبەرلەر يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ياۋرۇ پۇل رايونىدا كۆرۈلگەن قەرز كرىزىسىنى جىددىي ھەل قىلىشقا چاقىردى.

ببچ نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، برازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەر خەلقئارا مالىيە فوندىنىڭ كەلگۈسى پۇل-مۇئامىلە كرىزىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن فوندى جەمئىيىتىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا يەنە سۈرىيە مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان، سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئىختىلاپى كۆرۈلگەن.

بۇ نۆۋەتلىك 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى 18-ماي مېكسىكىدا باشلانغان بولۇپ، بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت