ياۋروپا بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى خىتايغا كەلدى

ياۋروپا بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى ۋەكىلى كاسىرېن ئاشتون خىتايغا كەلدى. ئۇ، 29‏ - ئاپرىلدىن 1‏ - مايغىچە خىتاي بىلەن سۆزلىشىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-04-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ نيۇيوركتىن بايان قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇنىڭغا، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن ئىبارەت ھەل قىلغۇچ مەسىلىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇشنى تاپشۇردى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا شۆبىسىنىڭ باشلىقى سوفىيا رىچرتسون ۋاشىنگتوندىن، بۈگۈن، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى ۋەكىلىگە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1989‏ - يىلىدىكى 4 ‏ - ئىيون ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئىز -دېرەكسىز يوق قىلىنغان خەلقنىڭ تىزىملىكىنى يىللاردىن بۇيان ئاشكارىلىماي كېلىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە، 2008‏ - يىلى لاسادا يۈز بەرگەن نامايىش ۋە 2009‏ - يىلى ئىيولدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نامايىشتىن كېيىنمۇ يەنىلا، ئۆلتۈرگەن، تۇتقۇن قىلغان، سوتلىغان، جازالىغان ۋە ئېز‏ - دېرەكسىز يوق قىلىنغان تىبەتلەرنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىملىكىنى دۇنيادىن يۇشۇرۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە خىتاي بىلەن ئوچۇق - ئاشكارا سۆزلىشىش كېرەك، خىتاينىڭ تىبەتلەرگە ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئوچۇق - ئاشكارا يۈرگۈزۈۋاتقان 'يېتىم قالدۇرۇش، كەمسىتىش، چەتكە قېقىش' سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت