تورداشلار خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىدىن يىللىق ھەج خىراجىتىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «ۋىجدان» تەخەللۇسىدىكى مۇسۇلمان تورداشنىڭ يېقىندا خىتاينىڭ سىننا تور بېكىتىدىكى مىكرو بلوگىدا ئېلان قىلغان «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ھەج خىراجىتى ھەققىدىكى يىللىق چىقىم ۋە ئېرىشكەن پايدىنى ئېلان قىلسۇن» سەرلەۋھەلىك ماقالىسى تورداشلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-02-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تورداشلار«ۋىجدان» تەخەللۇسىدىكى تورداشنىڭ ماقالىسىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەج سەپىرى ھەققىدە ئۆزلىرى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى يازغان. تورداشلار ئىنكاسلىرىدا ئۆز يۇرتلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ھاجىلارنى كوللېكتىپ ھەجگە ئېلىپ بېرىش سەپىرىدە ھاجىلاردىن يىغىلغان پۇللارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ھەققىدە، دائىرىلەرنىڭ ھاجىلارغا ھېچقاچان ھېساب بەرمەيدىغانلىقى، كوللېكتىپ ھەجنىڭ شەخسى ھەجدىن نەچچە ھەسسە قىممەت توختايدىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىپ، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىدىن ھەر يىللىق ھەج سەپىرىگە كەتكەن چىقىمنى ۋە دائىرىلەرنىڭ ھەج سەپىرىدىن ئېرىشىدىغان پايدىسىنى ئاۋامغا ئاشكارا ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت