2010-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يىللىق كىرىمى 2000 يۈەنگىمۇ يەتمىگە

"بوشۈن" تورىنىڭ "ئۇيغۇرى بىز" تورىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، 2010-يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدە كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن يىللىق كىرىم 20 مىڭ يۈەندىن ئاشقان بولسىمۇ، كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يىللىق كىرىمى 2000 يۈەنگىمۇ يەتمىگەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەرگە قارىغاندا، 2010-يىلىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10.6 پىرسەنت ئۆرلەپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2.5 پىرسەنت ئاشقان. نەتىجىدە ئۇيغۇر ئېلىدە كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن مىللىي دارامەت ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 مىڭ 948 يۈەن ئەتراپىدا بولغان.

ئەمما، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر مىللىي دارامەت ئۇيغۇر ئېلى خەلقنىڭ ھەقىقىي كىرىمنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدىكەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ 47 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ 90 پىرسەنتى يەنىلا يېزىدا بولۇپ، كۆپ قىسمىنىڭ يىللىق كىرىمى ئىككى مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئالدىنقى يىلىدىكى ستاتىستىكىدا ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانلارنىڭ يىللىق ئومۇمىي كىرىمى 3 مىڭ يۈەن دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، قەشقەر، خوتەن ۋە قىزىلسۇ قاتارلىق رايونلاردا دېھقانلارنىڭ كىرىمى 1500 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلدىكى "5-ئىيۇل نامايىشى" دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىقتىسادنى جانلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت