خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچىسى يۈ جيې، «شىنجاڭ مەسىلىسى» نىڭ كەلگۈسىدىكى ئەھۋالى ناھايىتى مۈشكۈل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچىسى يۈ جيې پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر بىلدۈرۈپ، «شىنجاڭ مەسىلىسى» نىڭ تىبەتكە قارىغاندا كەلگۈسىدىكى ئەھۋالى ناھايىتى مۈشكۈل بولىدىغانلىقى، بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-09-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇ بۇ سۆزنى 28-سېنتەبىر مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر مەسىلىسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش نۇقتىسىدىن تىبەت مەسىلىسى بىلەن ئوخشاش خاراكتېرگە ئىگە بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىككى رايوننىڭ ئەھۋالىنى كونكرېت تەھلىل قىلغاندا، كەلگۈسىدە شىنجاڭ مەسىلىسى ناھايىتى مۈشكۈل بولىدۇ».

يۈ جيېنىڭ قارىشىچە، كومپارتىيىنىڭ تىبەتنى ئىگىلىۋالغانلىقىغا يېرىم ئەسىردىن ئاشقان بولسىمۇ، بىراق خەنزۇلار تىبەتكە كېڭىيىپ يىلتىز تارتالمىغان. تىبەتتىكى خەنزۇلار پەقەت ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ۋە تىجارەتچى خەنزۇلارنى ئاساس قىلغان. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ، تىبەت مۇستەقىللىققا ئېرىشسە، خەنزۇلارنىڭ تىبەتتىن چىقىپ كېتىشى ئاسانغا چۈشىدۇ. بىراق ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئەسكەرتىپ: شىنجاڭدا بىر قانچە ئەۋلاد بۇ يەردە ياشاۋاتقان نۇرغۇن خەنزۇ بار. كەلگۈسىدە بۇ يەردە تۇغۇلغان خەنزۇلار بىلەن يەرلىك ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش ناھايىتى كەسكىن بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.

يۈ جيې، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى، ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ليۇ شياۋبو 2008‏-يىلى قوزغىغان ئاساسىي قانۇن نىزامنامە ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇپ، ئۇنىڭغا ئىمزا قويغان خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى.

خرىستىئان مۇرىتى بولغان يۈ جيې، بۇ يىل 1‏-ئايدا ئامېرىكىغا كەلگەن. ئۇ خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئەسكەرتىپ، تىبەت مەسىلىسى پەقەت خىتاي دېموكراتىيىلەشكەندە ھەل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت