يۈننەندە يۈز بەرگەن ياش-ئۆسمۈرنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇش ۋەقەسىنىڭ جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلدى

خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى پۇنىڭ ناھىيىسىدە يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ غايىب بولۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن؛ نەتىجىدە 6 ئاي ئىچىدە 20 نەچچە ياش ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-05-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەر دەسلەپتە ۋەقەنى ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ، غايىب بولغان جاي مەلۇم بولمىغىنى ئۈچۈن ساقچىلار ۋەقە ھەققىدە دېلو تۇرغۇزمىغان. يېقىندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەر بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، ئالاقىدار ئورگانلارغا ئەرز سۇنغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ساقچىلار دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە 6 كۈن ئىچىدە جىنايەت گۇماندارى جاڭ يۇڭمىڭنى قولغا چۈشۈرگەن.

تەكشۈرۈش داۋامىدا جاڭ يۇڭمىڭنىڭ يەر ئاستى ئۆيى ۋە سەي ئورىسىدىن 17 كىشىنىڭ جەسەت سۆڭەكلىرى بايقالغان. دنا سىنىقى نەتىجىسىدە بۇ جەسەتلەرنىڭ ئەنە شۇ ناھىيىدە غايىب بولغان ياش-ئۈسمۈرلەرنىڭ جەسەتلىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، جىنايەت گۇماندارىنىڭ ۋەقە سادىر قىلىشتىكى مەقسىتى تېخى ئايدىڭلاشمىغان. خىتاي ساقچىلىرى جىنايەتنىڭ بەدەن ئورگانلىرى ئەتكەسچىلىكى ئۈچۈن سادىر قىلىنغانلىقى ۋە گۇماندار جاڭ يۇڭمىڭنىڭ يەنە شېرىكلىرى بارلىقىنى تەخمىن قىلىشقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت