توقسۇندا بىر خۇمداندا زېھنىي ئاجىز خىتايلارنىڭ قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

رويتېرىس ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توقسۇن ناھىيىسىدىكى بىر خۇمداندا ئىشلەۋاتقان 11 نەپەر خىتاي ئىشچى زېھنىي ئاجىزلاردىن بولۇپ، ئۇلار يىللاردىن بېرى ئادەتتىن تاشقىرى ناچار شارائىت ئاستىدا، قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2010-12-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ ئاگېنتلىقلارنىڭ شىنخۇا قاتارلىق خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر خۇمداندىكى 11 نەپەر زېھنىي ئاجىز ئىشچىغا ئادەتتە ئىتقا بېرىلىدىغان يېمەكلەر بېرىلگەن؛ ئۇلار خۇمداندىن قاچماقچى بولغاندا خۇمدان ساھىبى ئۇلارنى ئۇرغان.

بۈگۈن توقسۇن ناھىيىلىك پارتكوم مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مەزكۇر ۋەقەدىكى جاۋابكارلارنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن خۇمدان ساھىبى لى شىڭلىن قېچىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئايالى نۆۋەتتە جىنايەت گۇماندارى سۈپىتىدە قاماققا ئېلىنغان. ئاشكارىلىنىشىچە، خۇمدان ساھىبى لى شىڭلىن بۇ زېھنىي ئاجىز كىشىلەرنى سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى بىر زېھنىي ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى بىلەن توختاملىشىپ قوبۇل قىلغان. لى شىڭلىن مەزكۇر جەمئىيەتكە 9000 يۈەن مۇلازىمەت ھەققى تۆلىگەن. شىنخۇا خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە نۆۋەتتە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلى زېڭ لىڭچۈەنمۇ سىچۈەن ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىنماقتا.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە مەزكۇر خۇمداننىڭ ئومۇمى ئىشچىلار سانى ۋە ئىشچىلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ بار-يوقلۇقى بىلدۈرۈلمىگەن. ۋەقەنىڭ ئورامىدىن قارىغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىر قىسىم ئەتكەس فابرىكىچى ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قانۇن سىستېمىسىدىكى بوشلۇقتىن، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

تولۇق بەت