تىكتاك توپ دىپلوماتىيىسىنىڭ ئاساسچىسى جۇاڭ زېدوڭ ۋاپات بولدى

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان« تىكتاك توپ دىپلوماتىيىسى»نى پەيدا قىلغان خىتاي تىكتاك توپ ماھىرى جۇاڭ زېدوڭ 73 يېشىدا بېيجىڭدا ۋاپات بولدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-02-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مەزگىلىدە ئۇزۇن مەزگىللىك ئېغىر كېسەلدىن ساقىيالماي ۋاپات بولغان جۇئاڭ زېدوڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تارىخىدىن ئورۇن ئالغان تەنھەرىكەتچى ئىدى.

جۇاڭ زېدوڭ 1971 - يىلى، ياپونىيىدە ئامېرىكا ماھىرى بىلەن تىكتاك توپ مۇسابىقىسىغا چۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا سوۋغا تەقدىم قىلىش بىلەن ماۋ زېدوڭ ئامېرىكا تىكتاكتوپ ئۆمىكىنى خىتايغا تەكلىپ قىلغان. بۇ ھەرىكەت، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان بولۇپ، ئارقىدىنلا كىسىگىنگەر بېيجىڭنى زىيارەت قىلغان، 1972 - يىلى بولسا، پرېزىدېنت نىكسون بېيجىڭغا كەلگەن.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مەزكۇر دىپلوماتىيە خەلقئارادا تىكتاكتوپ دىپلوماتىيىسى دەپ نام ئالغان. ماۋ زېدوڭ جۇاڭ زېدوڭنى ماختاپ، « جۇاڭ زېدوڭ ياخشى تىكتاك توپچىلا ئەمەس، بەلكى ياخشى دىپلومات ئىكەن» دېگەن ئىكەن.

جۇاڭ زېدوڭ جاڭ چىڭنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن، كېيىن چەتكە قېقىلىپ، ۋەزىپىلىرىدىن قالدۇرىۋېتىلىپ ئۇزۇن مەزگىل ئازاپ چەككەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت