باش شىتابى نيو-يوركتىكى «خەۋپ ئاستىدىكى ئالىملارنى قۇتقۇزۇش» تەشكىلاتى (Scholars at Risk) 10-نويابىر كۈنى تۇتقۇندىكى دوكتور راھىلە داۋۇتقا 2020-يىللىق خەلقئارالىق «تەپەككۇر جاسارىتى» مۇكاپاتىنى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
«خەۋپ ئاستىدىكى ئالىملارنى قۇتقۇزۇش» تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، 2017-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى راھىلە داۋۇتنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە كۆرسەتكەن ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقلىرى ۋە جاسارىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن ئىكەن.
«خەۋپ ئاستىدىكى ئالىملارنى قۇتقۇزۇش» تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە «راھىلە داۋۇت ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش جاسارەت بىلەن تەتقىقات ئىلىپ بېرىۋاتقان باشقا مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىلىم-پەن ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. شۇ ۋەجىدىن ‹تەپەككۇر جاسارىتى› مۇكاپاتى ئۇلارغا لايىق كۆرۈلدى،» دېيىلگەن.
«تەپەككۇر جاسارىتى» مۇكاپاتى كەسپىي ياكى ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەلىرىدە ئۆزىنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ، ئىلمىي تەتقىقات ئەركىنلىكى ۋە تەپەككۇر ئەركىنلىكنى قوغداش يولىدا جاسارەت كۆرسەتكەن شەخس، گۇرۇپپا ياكى ئورگانلارغا بېرىلىدىكەن.
«خەۋپ ئاستىدىكى ئالىملارنى قۇتقۇزۇش» تەشكىلاتىنىڭ نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى روب كۇئىن مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتى بويىچە خەلقئارادا تونۇلغان تەتقىقاتچى دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئاۋاز ۋە پىكىرلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا باستۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى ۋە ئەركىن پىكىر قېلىشىنى چەكلىشى، ئۇلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىسى، تارىخى ۋە تىلىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشىگە ئوخشاش بۇنداق پاجىئەلەرگە نىسبەتەن ھەممەيلەننىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈش مەسئۇلىيىتىمىز بار. بۇنداق ۋەھشىيلىكنى چوقۇم ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.»
دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق قىزى ئەقىدە پولات ئاپىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «ئاپام جىنايەتچى ئەمەس، بەلكى بىر ئالىم. ئۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ فولكلور ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى تەتقىق قىلغان. بۇ ھۆكۈمەتكە، باشقا ئورگانلارغا ياكى خىتاي خەلقىگە تەھدىت ئەمەس.»
بىز 2020-يىللىق خەلقئارالىق «تەپەككۇر جاسارىتى» مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى دوكتور راھىلە داۋۇت خانىم ھەققىدە تېخىمۇ ياخشى مەلۇماتقا ئىرىشىش ئۈچۈن قىزى ئەقىدە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
ئەقىدە ئاپىسىنىڭ ناھايىتى ئىرادىلىك ۋە مىللىتىنى سۆيىدىغان بىر تەتقىقاتچى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆز پەرزەنتىگە ناھايىتى تەلەپچان ۋە مېھرىبان بىر ئانا ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرى بىلەن ئاڭلاتتى.
ئەقىدە رادىيو دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئاپىسىنى تەبرىكلەپ، مۇنداق دېدى: «ئاپا، سەن بەكمۇ قەھرىمان بىر ئانا ئىكەنسەن، غەيرەت قىلغىن، بىز سېنى ئاشۇ قاراڭغۇلۇقتىن ئېلىپ چىقمىغۇچە ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيمىز!»