رەناگۈل تۇرسۇن: «يۈرىكىم چىدىمىسىمۇ، قىلغانلىرىمنى ھەرگىز خاتا دەپ ئويلىمايمەن»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020-03-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بىر ئۇيغۇرنىڭ خەلقئارالىق چوڭ بازار ئالدىدىن تېلېفون سۆزلىشىپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2014-يىلى 17-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
بىر ئۇيغۇرنىڭ خەلقئارالىق چوڭ بازار ئالدىدىن تېلېفون سۆزلىشىپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2014-يىلى 17-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
AFP

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرى كۈنسېرى ئېغىرلاۋاتقان پەيتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل تەھدىتلىرىگە ۋە بىۋاسىتە بېسىمىغا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم.  

ئاتا-ئانىلىرى، بالىلىرى، يېقىن دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلگەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار جازا لاگېرى تۈزۈلمىسى ۋە دۇنياغا ۋەھىمە سېلىۋاتقان كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئەندىشەلەنمەكتە. ئۇلار ئەندىشە ۋە سېغىنىشلىرىنى ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىپادىلىمەكتە.

يېقىندا تۈركىيەدىكى «گۈنجەل سەنئەت» ژۇرنىلىدا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەناگۈل تۇرسۇننىڭ ئانىسىغا يېزىلغان مەكتۇپى ئېلان قىلىنغان. مەكتۇپتا رەناگۈل تۇرسۇننىڭ ئاتا-ئانىسىغا بولغان مۇھەببىتى ۋە سېغىنىشى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، رەناگۈل تۇرسۇن ئاتا-ئانىسى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2011-يىلى كۆرۈشكەن ئىكەن.

رەناگۈل تۇرسۇننىڭ ئانىسىغا يازغان مەكتۇپى تۆۋەندىكى قۇرلار بىلەن باشلىنىدۇ: «مەن ساڭا بىر قېتىممۇ مەكتۇپ يازالمىدىم ئانا، چۈنكى ساڭا ئۆزۈمنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن مەكتۇپقا ياكى سۆزلەرگە ئېھتىياجىم يوق ئىدى. ھەر قانداق نەرسىنى كۆزلىرىمگە قاراپ بىلەلەيتتىڭ، (چۈنكى مەن دېگەن ئانا، سەنمۇ ئانا بولغاندا چۈشىنىسەن) دەيتتىڭ.»

رەناگۈل تۇرسۇن 1986-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 2010-يىلى نورۋېگىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن. توردا رەنا ئايبالا ياشار دېگەن نامدا كۆپلىگەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرى تاقىلىشتىن بۇرۇن، رەناگۈل تۇرسۇن ئەركىن سىدىق، ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن بىرلىكتە «باغداش» تورىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن رەناگۈل خانىمنىڭ دادىسى تۇيۇقسىز تېلېفون قىلىپ، توردا قالايمىقان گەپ قىلماسلىقنى جېكىلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنى قامال قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تاقالغان. ئۇيغۇر تور بېكەت قۇرغۇچىلىرى، سەھىپە باشقۇرغۇچىلىرى ۋە تور يازغۇچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، رادىيومىز 2016-يىلى 6-ئايدا «مىسرانىم» تورىنىڭ كورلادىكى تور بەت باشقۇرغۇچىسى تۇرسۇنجان مەمەت «باغداش» تورىنىڭ ساھىبى ئەكبەرجان ئەسەت، داڭلىق تور يازغۇچى ۋە «بوزقىر» بلوگىنىڭ ساھىبى ئۆمەرجان ھەسەن قاتارلىق كۆزگە كۆرۈنگەن تور يازغۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

رەناگۈل خانىم 2013 -يىلى تىلشۇناس ھەمدۇللا ئابدۇراخماننىڭ ئوغلى ياشار ھەمدۇللا بىلەن نورۋېگىيەدە توي قىلغان. رەناگۈل خانىم زىيارىتىمىز جەريانىدا  ئاتا-ئانىسىنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتنىشالمىغانلىقىنى، نىكاھ مۇراسىمىدا  ئاتا-ئانىسىدىن دۇئا ئالالمىغانلىقىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن مىڭلىغان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش تويىدا، نىكاھىدا، يەنى ھاياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنلىرىدە يۈز تۇرانە دۇئا قىلىپ بەرگۈدەك ئاتا-ئانىسى ۋە يېقىنلىرى يېنىدا بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەتلا بىرى.»

رەناگۈل خانىمنىڭ قېيناتىسى ھەمدۇللا ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتى لۇغەت بۆلۈمىنىڭ سابىق مەسئۇلى بولۇپ، ئۇ مەزكۇر ئورۇندا 35 يىل خىزمەت قىلىپ، 2016-يىلى پېنسىيەگە چىققان. 2019-يىلى 3-ئايدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا سولانغان. مەزكۇر ۋەقە رەناگۈل خانىمنىڭ بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىق ۋىدىيولىرىدىن كېيىن رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى.

2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە رەناگۈل تۇرسۇننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ دادىسى بىلەنمۇ ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. پەقەت ئاپىسى بىلەنلا ئارىلاپ ئالاقىلىشىپ تۇرالىغان. 2018-يىلى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىغا خىزمەتكە كىرىشى بىلەن بىرلىكتە رەناگۈل خانىمغا كېلىدىغان بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تەھدىتلەر كۆپىيىشكە باشلىغان. نۇرگۈل خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ۋەتەندىن كېلىدىغان تەھدىتلەرمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. ماڭا ئەڭ ئېغىر كەلگىنى ئاپامنىڭ بىر قانچە قېتىم يىغا ئارىلاش ھەتتا مەندىن ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا قويغان تەلەپلىرى بولدى. ھەممىسى جاۋابسىز قالدى. يۈرىكىم چىدىمىسىمۇ، مۇشۇ يولنى تاللىغان ئىكەنمەن، ئەلۋەتتە مۇشۇ يولدا مېڭىشىم كېرەك.»

كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي رېياللىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىجادىيەت تېمىسى ھېسابلىنىدىكەن. نۇرگۈل خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا ئانىسىغا يازغان مەكتۇپ ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت