«ساماۋار چايخانىسى» ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2019-12-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي كەمالپاشا مەھەللىسىدە رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن «ساماۋار چايخانىسى».
ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي كەمالپاشا مەھەللىسىدە رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن «ساماۋار چايخانىسى».
Social Media

بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي كەمالپاشا مەھەللىسىدە رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن «ساماۋار چايخانىسى» ھەرخىل ئىلمىي سۆھبەتلەر ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە.

ئىگىلىشىمىزچە، «ساماۋار چايخانىسى» ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى ۋە ئاچىل گۇرۇپپىسىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىق بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، تىجارەت مەقسىتى يوق ئىكەن. چايخانا نىزامنامىسىگە يېزىلىشىچە، كىرگەن كىرىم چايخانىنىڭ چىقىملىرىنى كۆتۈرۈشتىن باشقا، ئېشىپ قالغان قىسمى چايخانا نامىدىن ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىشقا ئىشلىتىلىدىكەن. چايخانا قۇرۇلۇشىنىڭ مەقسىتى ياشلاردا مۇنازىرە مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش، ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن. بىز ساماۋار چايخانىسى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان پائالىيەتلەردىن مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ساماۋار چايخانىسىنىڭ خوجايىنىنى ئابدۇرېشىت ئەمىن ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. 

ئابدۇرېشىت ئەپەندىم ساماۋار چايخانىسىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ شەكلى ۋە مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پائالىيەتلەرنى 3 خىل كاتېگورىيەگە بۆلگىلى بولىدۇ. 1-خىلى ئۆلىمالارنى، يۇرت چوڭلىرى ياكى زىيالىيلارنى تۈركىيەگە كەلگەندە لېكسىيەگە تەكلىپ قىلغىنىمىزدا ئالدىن تەييارلىقى بولمىغانلىقى ئۈچۈن رەت قىلىدىكەن، چايخانىدا ئوچۇق-ئاشكارا سوئال-جاۋاب ياكى مۇنازىرە شەكلىدە سۆھبەتكە تەكلىپ قىلساق ئاندىن ماقۇل بولىدىكەن. چايخانىمىز بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن لېكسىيەنى ئەمەس، سۆھبەتنى ئاساس قىلىپ كەلدۇق. ياۋروپادىكى ياكى تۈركىيەدىكى ئۇستازلار بىلەن بەلگىلەنگەن تېمىدا مۇلاھىزىلەر بولۇپ ئۆتىدۇ.

2-تۈرلۈك پائالىيەت لېكسىيەنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۆگىنىش ياكى سىياسىي مەسىلىلەردە لېكسىيەلەر بولدى. 3-تۈرلۈك پائالىيىتىمىز ياشلار ئويغىنىش ھەرىكىتى نامى ئاستىدا ياشلارنى چاقىرىپ يۇمىلاق ئۈستەل شەكلىدە سۆھبەتلەشتۇق. يۇقىرىقى پائالىيەتلەر ساماۋار چايخانىسى نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. چايخانىمىز مەسىلىلەرنى ئوچۇق مۇنازىرە قىلىنىدىغان سورۇن، بىز بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچەۋاتىمىز. بەزىدە كونكرېت مەسىلە ۋە كىشىلەر ئۈستىدىمۇ مۇنازىرە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بىز كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ياشلار ئوچۇق مۇنازىرە قىلالايدىغان سورۇن ھازىرلىماقچى.»

«ساماۋار چايخانىسى» ئىلمىي سۆھبەت ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن باشقا يەنە ياشلارنىڭ ئۆز ئارا مۇنازىرىلىشىپ، مۇزاكىرە ئەخلاقىنى يېتىلدۈرىدىغان سورۇنى ھالىغا كەلگەن بولۇپ، «ساماۋار چايخانىسى» دا دائىم، ھەر خىل تېمىلاردا ھەر خىل ئۇسلۇبتا مۇنازىرىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ياشلارنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە بولغان كەڭ قورساقلىق ۋە ساپا يېتىلدۈرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بىز بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ، مۇنازىرە مەدەنىيىتىنىڭ ياشلارنىڭ يېتىلىشىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن باشاق شەھەر ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت پاك يول ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئابدۇلھەمىت پاك يول ئەپەندىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىستانبۇلدا ساماۋار چايخانىسىغا ئوخشاش ئىلمىي سۆھبەت ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان سورۇنلارنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىغا ناھايىتى مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمەن. بولۇپمۇ سۆھبەت، مۇنازىرە ۋە مۇزاكىرە مەدەنىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلمىي ساپانىڭ كۈچىيىشىگە پايدىلىق. ئۆز ئارا ئوخشىمىغان پىكىردىكى كىشىلەرنىڭ پىكىرلىرى، مۇنازىرىلىرى ۋە مۇزاكىرىلەشكەن ۋاقىتتا باشقا بىرىنىڭ پىكىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش، قوشۇلىدىغان تەرەپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، قوشۇلمايدىغان تەرەپلەرنى رەت قىلىش، ئىلمىي ئۇسۇلدا پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش دېگەندەك جەھەتلەردە بۇ خىل سورۇنلارنىڭ كۆپىيىشى پەيدىن-پەي ساپانىڭ يېتىلىشىدە پايدىلىق بولىدۇ دەپ قارايمەن» 

كۆزەتكۈچلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ياكى ئىلمىي سۆھبەتلەرنىڭ كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ياشلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قىلىش ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىرلىكى جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ئابدۇلھەمىت پاك يول ئەپەندىم زىيارەت داۋامىدا «ساماۋار چايخانىسى» غا ئوخشاش ئۇيغۇرلار توپلىشىپ پائالىيەت قىلىدىغان مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھمىيىتى ۋە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت