سەمىرە ئىمىن: «دادامغا ئوخشاش ناھەق سولانغان ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى قويۇپ بېرىلىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-12-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر قىزى سەمىرە ئىمىن تۇتقۇن قىلىنغان دادىسى ئىمىنجان سەيدىن ئۈچۈن «قەھرىمان» ناملىق ئىنگلىزچە ناخشىنى ئورۇنلاپ فېيسبۇكتا پايلاشتى. 2019-يىلى 19-ئۆكتەبىر.
ئۇيغۇر قىزى سەمىرە ئىمىن تۇتقۇن قىلىنغان دادىسى ئىمىنجان سەيدىن ئۈچۈن «قەھرىمان» ناملىق ئىنگلىزچە ناخشىنى ئورۇنلاپ فېيسبۇكتا پايلاشتى. 2019-يىلى 19-ئۆكتەبىر.
Social Media

19-دېكابىر كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فېيسبۇكتا سەمىرە ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزى ئامېرىكالىق ناخشىچى مارىيە كېررىنىڭ «قەھرىمان» ناملىق ناخشىنى ئۆز ئاۋازى بىلەن ئېيتىپ يوللىغان.

سەمىرە ناخشا بىلەن بىرلىكتە يەنە ئىنگىلىزچە ئىنكاسىدا «دادا بۇ ناخشىنى سىز ئۈچۈن ئېيتتىم، سىز ھەر ۋاقىت مېنىڭ قەھرىمانىم، قەيسەر بولۇڭ!» دېگەن ئىلاۋىنى يازغان. ئۇ يەنە بۇ ناخشىنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىدە يېتىۋاتقان دادىسى ئىمىنجان سەيدىن ئۈچۈن ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن دادىسى ئىمىنجان سەيدىننى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان خەشتەگ يوللىغان. 

ئىككى كۈندىن بۇيان سەمىرەنىڭ ئۆز ئاۋازى بىلەن ئېيتقان ناخشىسى ۋە دادىسىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ يوللىغان خەشتەگكە نۇرغۇنلىغان ئىنكاسلار يېزىلىپ، ھېسسىداشلىق ئىپادىلەنگەن. ئۇندىن باشقا ئۇنىڭ يوللامىسىنى ھەمبەھىرلىگەنلەرمۇ تېزلىكتە كۆپەيگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىمىنجان سەيدىن شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، «شىنجاڭ ئەمىن كىتابچىلىق چەكلىك شىركىتى» نىڭ ساھىبى ئىكەن. ئۇنىڭ 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، 2019-يىلى 2-ئاي مەزگىلىدە 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، بۇ يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى تەرىپىدىن دەللىللەنگەن ئىدى. رادىيومىز ئارقىلىق بۇ خەۋەر ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان ئىدى.

مەزكۇر يوللانمىنى يوللىغان سەمىرە ئىمىننىڭ تۇتقۇندىكى دادىسى ئىمىنجان سەيدىن ھەققىدە تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئىجتىمائى ئالاقە مۇنبەرلىرىدە دادىسىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ كەلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. 

19-دېكابىر كۈنى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سەمىرە ئىمىن ئاۋۋال دادىسىنىڭ ئۇ كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپلا ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراقلىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى قەھرىمانى بولغان دادىسىغا ئاتاپ ناخشا ئېيتىشتەك بۇ خىل ئالاھىدە ئۇسۇل ئارقىلىق دادىسى ئۈچۈن ئەركىنلىك تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېلېفون زىيارىتىمىزدە سەمىرە ئىمىن يەنە مارىيە كېررىنىڭ «قەھرىمان» ناملىق ناخشىسىنىڭ بىر كۇپلېتىنى قايتا ئېيتىپ بەردى. 

ئۇ قەھرىمانلىق مەدھىيەلىنىدىغان، كىشىلەرنى قەيسەر بولۇشقا ئۈندەيدىغان بۇ خىل ناخشىلارنىڭ دادىسى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيانقى ئىككى يىل جەريانىدا ئۆزىنىڭ ھەر خىل روھى بېسىملارنى يېڭىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز سەمىرەدىن دادىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلاشقا ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇنىڭغا قانداق تەھدىتلەر كەلگەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۆزىگە بەزىبىر تەھدىت خاراكتېرلىق ئۇچۇرلارنىڭ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئۆز ئىرادىسىدىن يانمىغانلىقىنى بىلدۈرۈردى.

سەمىرەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2019-يىلى 9-ئايدا دادىسىنىڭ ئىككى يىل ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان. شۇندىن كېيىن تاراتقۇلارغا دادىسىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ، ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە خىتاي دائىرىلىرىدىن ناھەق تۈرمىگە قامالغان دادىسىنى قويۇپ بېرىشنى ئاشكارە تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى باشلىغان. شۇندىن كېيىن ئۇ خىتاي ئىچىدىن يوللانغان ھەر خىل ئىنكاسلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان.

سەمىرە دادىسى ۋە دادىسىغا ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ خىتاي قانۇنى ئىچىدە تۇرۇپ ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ بېرىشكە تىرىشقانلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەر خىل تۆھمەتلەر ئارتىلىپ، تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە ئۆزىگە ئوخشاش ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي تۈرمىلىرى ۋە لاگېرلارغا قامالغان ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈچۈن سۆزلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئاخىرىدا مۇنۇ جۈملىلەر بىلەن سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى: «بىز خاتا ئىش قىلمىدۇق. ئۆزىمىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز ئۈچۈن، تۇغقانلىرىمىز ئۈچۈن، ناھەقا قاملاغان ئادەملەر ئۈچۈن ئاۋازىمىزنى چىقىرىۋاتىمىز. شۇڭا بۇ ھەركىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت