«سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق مۇھاكىمىدىكى پىكىرلەر (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-05-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تەيگۇاڭ(Tai Guang) زاۋۇتىدىكى ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر «ئانار ئۇرۇقى» كەچلىك مەكتىپىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا. 2019-يىلى ئىيۇن. (ASPI نىڭ دوكلاتىدىن ئېلىنغان)
تەيگۇاڭ(Tai Guang) زاۋۇتىدىكى ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر «ئانار ئۇرۇقى» كەچلىك مەكتىپىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا. 2019-يىلى ئىيۇن. (ASPI نىڭ دوكلاتىدىن ئېلىنغان)
aspi.org.au

ئاۋسترالىيەدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق زور ھەجىملىك دوكلات ھەققىدىكى تور مۇھاكىمىسىدە ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەر دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنىڭ تىپىك «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» شەكلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقان «ئىجتىمائىي قايتا قۇرۇش» ئىكەنلىكىنى تەستىقلىدى. مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ھەرقايسى جايلاردىكى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلەردىن سوئال سورىشىغا ئاجرىتىلغان بولۇپ، سوئاللارنىڭ كۆپلۈكىلا بۇ مۇھاكىمىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان بىر قېتىملىق مۇزاكىرە بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى.

دەسلەپ بولۇپ سورالغان سوئاللارنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق بولۇپ شۇنچە كۆپ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى شۇنچە ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆزلىرىنىڭ «تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى قوللاشقا ماقۇل كەلتۈرەلىشى بولدى. «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى ۋىكىي شيۇجوڭ شۈ بۇ ھەقتە توختىلىپ بۇنىڭدا خىتاينىڭ «تېخنىكا ھاكىممۇتلەقلىقى» ئارقىلىق تاشقى دۇنيانى ئۇيغۇرلار دىيارىدا زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدىن بىخەۋەر قالدۇرۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ زور رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ۋىكىينىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارغا قاتتىق چەكلىمە قويۇشى تۈپەيلىدىن بۇ جايدا بولۇۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدىكى ماددىي ئىسپاتلارنى تاشقى دۇنياغا، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇش ئىنتايىن تار دائىرىدىلا چەكلىنىپ قالغان. يەنە بىر ياقتىن خىتاي بىلەن مۇسۇلمان ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە خىتايغا قاتتىقراق تۆت ئېغىز سۆز قىلالماسلىقىنى بەلگىلەپ قويغان. ئۇنىڭ پىكرىچە، بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلار دىيارى بىلەن قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە بارلىققا كەلگەن بەزى ئىشلار تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغان: قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلارغا سولانغان «قازاق قېرىنداشلىرى» نى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خىتاي بىلەن بەزى مەخپىي سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىشلاردا بولغان، ئەمما ئۇلارمۇ خىتايغا قاتتىقراق گەپ قىلالمىغان؛ ئۇلارنىڭ قوشنىسى بولغان ئۆزبېكىستان گەرچە مەلۇم ساندىكى ئۆزبېكلەرنىڭمۇ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتە پۈتۈنلەي خىتايغا بېقىندى بولغاچقا بۇ ھەقتە ھازىرغىچە لام-جىم دېمىگەن. چۈنكى ئۇلار «بۇ ھەقتە سۆز قىلساق ئۆزبېكىستاننىڭ ئىقتىسادى ۋەيران بولىدۇ» دېگەن قاراشتا.

مۇھاكىمىدە ئوتتۇرىغا چۈشكەن سوئاللارنىڭ يەنە بىرى ئۇيغۇرلارغا دىنداش بولغان ئىسلام دۇنياسى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنى «زامانىۋى قۇللارغا ئايلاندۇرۇش» ھەرىكىتىگە قارىتا ئەمەلىي بىرەر ھەرىكەتتە بولۇشقا قادىر بولالمىغاندا غەرب دۇنياسى، جۈملىدىن ئاۋسترالىيە، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قانداق رول ئوينىيالىشى ھەققىدە بولدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ بېيجىڭ ئىشخانا مۇدىرى ئاننا فىفىيلد بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتايغا قارىتا جازا قوللىنىش تەكلىپىنى قوللاش بىلەن بىرگە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە مېڭىۋاتقان كۆپلىگەن زاۋۇتلارنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى نۇرغۇنلىغان داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلار، جۈملىدىن ئادىداس، نىكە، گاپ قاتارلىقلار بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئاننانىڭ پىكرىچە، ئالدى بىلەن مۇشۇ داڭلىق ماركىلار ئۇيغۇرلار دىيارىدىن كېلىۋاتقان پاختا مەھسۇلاتلىرىدىن باشلاپ بەزى زاۋۇتلاردىكى جىسمانىي ئەمگەكلەرگىچە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تايانماقتا ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ داڭلىق ماركىلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارى بىلەن بولغان تەمىنات زەنجىرىنى كېسىپ تاشلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇ خىل «زامانىۋى قۇللۇق» نى تونۇپ يېتىشى بەكمۇ مۇھىم ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ نىكە زاۋۇتىنىڭ خىتايدىكى ئىش ئورنىغا بارغاندا شىركەت خادىملىرى ئۇنى ئىشىكتىنلا توسۇۋالغان، ئەمما ئاننا بۇ ھەقتىكى خەۋەر ماقالىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن شىركەت رەھبەرلىكى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈپ كۆرمەكچى بولغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىگە تولۇق ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇ قاتاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوئاللارنىڭ يەنە بىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە سىياسىي باستۇرۇش تاشقى دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان خىتاينى ئەيىبلەش دولقۇنىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن قانچىلىك رولى بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە بولدى.

لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس لېيبولد بۇ ھەقتە ئالاھىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى خەلقئارالىق تەنقىدلەرگە قارىتا بەكمۇ سەزگۈر بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. پروفېسسور جېيمىسنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى تەنقىدلەرگە قارشى ھەرقاچان زور كۈچ بىلەن «قايتۇرما ھۇجۇم» غا ئۆتۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن غەرب دۇنياسىنىڭ ئاستىرتىن كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە قاتارلىق ساھەلەر نۇقتىسىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن «يەڭ ئىچىدە سۆھبەتلىشىشى» پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى بارغانسېرى ئاشكارا تۈس ئېلىشقا باشلىغان. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا غەرب دۆلەتلىرىمۇ خىتاي بىلەن بۇ خىلدىكى «زامانىۋى قۇللۇق» قا ئوخشاش مەسىلىلەردە «ئىشىكنى تاقاپ قويۇپ» ئەمەس، ئەكسىچە ئىشىكنى داغدام ئېچىپ قويۇپ تۇرۇپ ئاشكارا سۆزلىشىشى لازىم ئىكەن. جېيمىس لېيبولدنىڭ پىكرىچە، ئۆتكەن يىلدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ب د ت يىغىنىدا 22 دۆلەتنىڭ خىتاينى ئەيىبلەپ ئورتاق سۆز قىلىشىدەك ھەرىكەتنى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇش، بۇنىڭغا قارشى چىققان دۆلەتلەرگە ئىنگلىزچە تىلدىن باشقا تىللاردا، جۈملىدىن ئەرەبچە ۋە باشقا تىلدا بۇ ھەقتىكى رېئاللىقنى يەتكۈزۈش ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ زور سەپكە قايتۇرۇپ كېلىش دېگەندەك كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى قىلىش مۇمكىن ئىكەن.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى خەلقئارانىڭ زور دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ھەرقايسى چوڭ شىركەتلەر بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ھالقىلىرىنى قايتىدىن قاراپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە ئىكەن. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرمۇ بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ بۇ خىل «زامانىۋى قۇللۇق» قا ھەقىقىي يوسۇندا خاتىمە بېرىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت