شاھىتلار 1988-يىلىدىكى «15-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار نامايىشى» نىڭ 32 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-06-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«15-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار نامايىشى» نىڭ 32 يىللىق خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن تور يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 14-ئىيۇن.
«15-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار نامايىشى» نىڭ 32 يىللىق خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن تور يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 14-ئىيۇن.
RFA/Ekrem

بۇ يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنى 1988-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «15-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار نامايىشى» نىڭ 32 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. بۇندىن 32 يىل ئىلگىرىكى شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىگە قارشى كوچىلارغا چىقىپ، كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى.

6-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇھاجىرەتتىكى مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئەينى زاماندىكى تەشكىللىگۈچىلىرى ھەم شاھىتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق مۇھاجىرلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مەمەت توختى، ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دىلزات ۋە كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى شەۋكەت قاتارلىقلار توردا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، بۇ ۋەقەنىڭ 32 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

يىغىن مەزمۇنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1988-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان نامايىش 1985-يىلى 12-دېكابىر ئېلىپ بېرىلغان ئوقۇغۇچىلار نامايىشىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك ياشلار ھەرىكىتى بولۇپ، ئۆز زامانىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنى كۆپ ئالاقزادە قىلغان ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا كېيىنكى ئەۋلادلارغا ساۋاق بېرىش ئۈچۈن بۇندىن 32 يىل ئىلگىرىكى بۇ ياشلار ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ھەر يىلى تۈرلۈك شەكىللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھەم ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى تىلغا ئالدى.

15-ئىيۇن نامايىشىنى 1987-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قۇرغان «ئىستۇدېنتلار پەن-مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشتىن كېيىن ئۇيۇشمىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، باش كاتىپى ۋارىس ئابابەكرى قاتارلىق يېتەكچىلەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن قوغلانغان. د ئۇ ق مۇھاجىرلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مەمەت توختى بۇ خۇسۇستا توختىلىپ، بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، مەنىلىك بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

1985-يىلى ۋە 1988-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنىڭ قاتناشقۇچىسى ھەم شاھىتى بولغان ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىممۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، شۇ زاماندىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان ياشلارنىڭ ھازىرمۇ مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەت سېپىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى شۇنداقلا بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ياش ئەۋلادلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەش تارىخىدىن دەرس بېرىش نۇقتىسىدىن زور قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىككى يېرىم سائەت داۋام قىلغان بۇ تور يىغىنىدا يەنە ئەينى زاماندىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە ئاكتىپ رول ئويناپ مەكتەپتىن قوغلانغان ۋە 2019-يىلى خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قازا قىلغان ۋارىس ئابابەكرىنىڭ پەزىلىتى، ھايات كەچمىشلىرى، ئىش-پائالىيەتلىرىمۇ تەپسىلىي ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت