لاگېر شاھىتى باختئەلىنىڭ پاجىئەلىك كەچمىشى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019-12-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
لاگېردا 1 يىل 8 ئاي يېتىپ چىققان باختئەلى نۇر ئەپەندىم قازاقىستاندا لاگېر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرمەكتە.
لاگېردا 1 يىل 8 ئاي يېتىپ چىققان باختئەلى نۇر ئەپەندىم قازاقىستاندا لاگېر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرمەكتە.
Social Media

2015-يىلىدىن باشلاپ ئانچە-مۇنچە چېگرا سودىسى قىلىپ ئائىلىسىنى قامداپ كېلىۋاتقان چاپچاللىق قازاق دېھقان باختئەلى نۇر 2017-يىلى، 10-ئاينىڭ 29-كۈنى قازاقىستاندىن قورغاس چېگراسى ئارقىلىق يۇرتىغا قايتقىنىدا سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ چاپچالدىكى لاگېر ۋە مەخسۇس كېسەل تۇتقۇنلار قامىلىدىغان ئاغرىقلار لاگېرىدا جەمئىي بىر يىل سەككىز ئاي زۇلۇم ھەر تۈرلۈك زۇلۇملارنى كۆرۈپ، ئاخىرى 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى يېرىم جان ھالدا قويۇپ بېرىلگەن. 2019-يىلى، 8-ئايدا قازاقىستانغا كەلگەن بولۇپ تا ھازىرغىچە داۋالىنىۋاتقان بولسىمۇ ھېلىھەم سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلەلمەيۋاتقان ئىكەن. يېقىندا ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن جەم بولۇپ خاتىرجەم بولغان بەختئەلى ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزىگە ئوخشاش بىگۇناھ مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ چاپچالدىكى لاگېردا كۆرۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن يېقىندا قازاقىستاندىكى «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» ئارقىلىق رادىيومىز بىلەن ئالاقىلاشتى.

بىز بىلەن راۋان ئۇيغۇر تىلىدا سۆھبەتلەشكەن قازاق لاگېر شاھىدى باختئەلى ئۆزىنىڭ كىچىكىدىن چاپچالدا ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكى ۋە ھەتتا لاگېردىمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن قامالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: چاپچالدىكى ئاساسلىق ئۇيغۇر داڭدار بايلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن لاگېرغا قامالغانلىقىدىن ھەيران قالغان. ئۇ چاپچال ناھىيەسى ۋە ئىلى تەۋەلىكىدە نامى بار چوڭ ئۇيغۇر بايۋەتچىلەردىن مەھمۇت قۇناخۇن، كان ئاچقان باي مۇساباي، قۇربان، خالمۇرات، ھاشىم قاتارلىق ئۇيغۇر بايلار بىلەن بىللە ياتقان بىر كامېرلاردا تۇرغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن پۇللىرى ناھايىتى كۆپ ھېسابلىنىدىغان بايلار ئىكەن. 

باختئەلىنىڭ ھەممىدىن ھەيران قالغىنى ئۆزى تۇرغان لاگېر ئەسلى ماخمۇت قوناخۇن 2015-يىللىرى 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ جايىنى سېتىۋېلىپ ئۆزگەرتكەن شەخسىي شوپۇرلۇق كەسپىي مەكتىپى بولۇپ، دائىرىلەر بۇ مەكتەپنىڭ ئىگىسى مەخمۇت قوناخۇن باينىمۇ 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇنىڭ مەكتىپىنى ئېگىز تاملار بىلەن قورشاپ لاگېر قىلىپ ئۆزگەرتكەن ۋە ئۆزىنى شۇ لاگېرغا قامىغان ئىكەن.

باختئەلىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۆزى ياتقان لاگېردا 10 بىنا بار بولۇپ ھەر بىر بىنانىڭ 6 قەۋەت، ھەر قەۋەتتە 160 تىن 200 گە قەدەر ئادەم قامالغان. ئۇ ئۆزى تۇرغان لاگېردىكى بىنالارنىڭ بىرىدە مەخسۇس ئاياللار قامالغانلىقىنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا مىڭ سەككىز يۈزدەك ئۇيغۇر ۋە قازاق ئاياللار قامالغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مۇشۇ لاگېرنىڭ ئۆزىدىلا 7 مىڭچە ئادەم سولانغانلىقىنى تەخمىنلەش مۇمكىن ئىكەن. ئۇ يەنە چاپچال ناھىيەسنىڭ ئۆزىدىلا ئىككى يىل جەريانىدا جەمىي 5 لاگېر قۇرۇلغانلىقىنى، بۇ لاگېرلارغا جەمئىي 30 مىڭچە ئادەم قامالغان بولۇشى مۈمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

باختئەلى ئۆزى ياتقان كامېردا ھەتتا 18 ياشلىق، ئۆزىنىڭ بالىسى دېمەتلىك ئۇيغۇر بالىلارنىڭ دادىسى ھەج قىلغانلىق سەۋەبلىكمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئېغىر جىسمانىي ۋە روھىي قىيىنقىستاقلارغا ئېلىنغانلىقىنى ھەتتا بەزىلەرنىڭ قىيناپ مېيىپ قىلىپ قويۇلغانلىقلىرىغا شاھىد بولغان. 

باختئەلى ئاغرىق سەۋەبلىك 2018-يىلى 11-ئايدا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ يەنىلا ئېغىر تەقىب ئاستىدا ياشىغان، مەھەللە كومىتېتىنىڭ ئىجازىتىسىز ھەتتا دوختۇرخانىمۇ بارالمىغان. ئۇ سابىق لاگېر تۇتقۇنى بولغان ئۆزىنىڭلا ئەمەس بارلىق ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا ھەر تەرەپتىن ئېغىر كەمسىتىشكە، زۇلۇمغا ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن باشقا مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان رەھىمسىز ئىرقچىلىق، زۇلۇم سىياسەتلىرىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھېچ زامان راھەتسىز ھېس قىلمايۋاتقانلىقىنى ھەتتا ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلىرىنى قوللاۋاتقانلىقىنى ئاشكارا ئىپادە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تولۇق بەت