ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى «شەرقىي تۈركىستان شېھىتلار كېچىسى» يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020-02-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 23 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆتكۈزگەن «شەرقىي تۈركىستان شېھىتلار كېچىسى» دىن بىر كۆرۈنۈش.  2020-يىلى 5-فېۋرال. ئىستانبۇل، تۈركىيە.
«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 23 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆتكۈزگەن «شەرقىي تۈركىستان شېھىتلار كېچىسى» دىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 5-فېۋرال. ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

5‏-فېۋرال كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل شەھىرىدە 5-فېۋرال «غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 23-يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان شېھىتلار كېچىسى» يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى قاتارلىق ئونلارچە تەشكىلاتنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. 

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى. 

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە، 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنىدىكى غۇلجا نارازىلىق ھەرىكىتىدە ۋە ئىلگىرى-كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى ياد ئېتىش بىلەن بىرگە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، 23-يىل بۇرۇن غۇلجىدا قەھرىتان سوغۇقتا ۋەتەن ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلغان قەھرىمان ياشلارغا، شېھىتلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. 

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ۋەتەن ئۈچۈن تا بۈگۈنگىچە ھاياتىنى تەقدىم قىلغان، ئۆزىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق دەۋانىڭ ئۆچمەس مەشئىلىنى قېنى بىلەن ياندۇرۇپ كەتكەن شېھىتلارغا سالام يوللايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

كېيىن، 5-فېۋرال «غۇلجا ۋەقەسى» گە ئائىت ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىر-بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ قىسقىچە سۆز قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ھەر خىل مەزمۇندا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى، ناخشا ئورۇندىدى ۋە نەسىر ئوقۇدى. 

يىغىندا غۇلجا ۋەقەسىگە بىۋاسىتە شاھىت بولغان دىنى ئۆلىما قاسىمجان داموللام غۇلجا ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە جەريانلىرى توغرىسىدا توختالدى. 

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى دىنى، ئۆلىما ئاتاۋۇللا خەلپىتىم، «ئىسلامدا شېھىتلىكنىڭ پەزىلىتى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. 

يىغىندا يەنە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور، جالال ئەرباي ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن شەخس» ئالتۇن مېدالى ۋە كۆك بايراق تەقدىم قىلىندى. 

پروفېسسور جالال ئەرباي ئەپەندى كۆك بايراقنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ: «مەن بۇ بايراقنى تۈرك بايرىقى بىلەن يانمۇ-يان كۆك ئاسماندا لەپىلدىتىش ئۈچۈن ئالدىم»، دېدى. 

كېيىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، «غۇلجا ۋەقەسىدىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. 

جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان نەچچە قېتىم دۆلەت قۇرغانلىقى، سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدىن باشلاپ ئىجتىمائىي، سىياسىي ئىدىيەگە ئىگە بولغاچقا دۈشمەنگە يېڭىلمەي كەلگەنلىكىنى ئىپادىلىدى. 

ئۇ، «ئۇيغۇر قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا تۆمۈر خەلىپە، خوجا نىياز ھاجىم، ئابدۇقادىر داموللام، سابىت داموللام، مەمىتىئىمىن بۇغرا، ئوسمان باتۇر، ئەخمەتجان قاسىمى، دەلىلقان قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئىككى قېتىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقىنى، بىراق بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا يۇقىرىدا ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان شەخسلەرنى ئۈلگە ئېلىش كېرەكلىكىنى، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق ھاياتىنى، بارلىقىنى كۈرەش يولىغا بېغىشلاش ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولغان كۈرەشنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى بەرپا قىلىپ بەرگەنلىكى» نى تەكىتلىدى. 

يىغىن جەرياندا ھەر بىر سۆز قىلغۇچىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ھەر خىل مەزمۇندا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغان، ناخشا ئورۇندىغان ۋە نەسىر ئوقۇغان بولۇپ، مۇھسىن تەمكىنى «چۈنكى ئۇ شېھىت»، ئىمران سادائىي «پۈتمىگەن شېئىر» دېگەن تېمىلاردا ئۆزلىرى يازغان شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. 

قاسىمجان ۋە شۈكراننىڭ ئورۇندىشىدا «ۋەتىنىم گۈزەل» دېگەن تېمىدا ناخشا تەقدىم قىلىندى. 

يىغىن ئاخىرىدا پۈتۈن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىرلىكتە ئۆمەر قارىھاجىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرى، ئەركىنلىكلىرى يولىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلغان شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن تىلەكلەر تىلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت