12-نۆۋەتلىك «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» نىڭ تەييارلىق يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020-02-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
12-نۆۋەتلىك «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» نىڭ تەييارلىق يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى فېۋرال،ئىستانبۇل.
12-نۆۋەتلىك «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» نىڭ تەييارلىق يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى فېۋرال،ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» نىڭ 12-نۆۋەتلىكى ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىننىڭ تەييارلىقى ئۈچۈن ئىستانبۇلدا كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

كېڭەش يىغىنىدا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان: «مىللىي مەنپەئەتىمىز ئاساسىدا ئورتاق دەۋايىمىزنى ياخشى ئېلىپ بېرىشتا تەشكىلاتلار ۋە رەھبەرلەر ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش كېرەك،» دېدى.

كېڭەش يىغىنغا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەزالىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم قاتارلىق كىشىلەر ۋە دىنىي ئۆلىمالار قاتناشتى.

بۇ يىغىندا 12-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنى قانداق شەكىلدە، قاچان، قەيەردە ئۆتكۈزۈش مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا يەنە ئۇچرىشىشنىڭ كۈنتەرتىپلىرى تارتىشىلدى.

يىغىندا ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، ئۆتكەن يىلىدىكى قېرىنداشلىق يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان تېمىلار توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەنكى يىللاردا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنى بىلەن دەۋا ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان شەخس ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئەمەلىيەتتىمۇ ھەر ساھەدىكى مۇناسىۋەتلەر ئالدىنقى يىللاردىكى ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىدە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ.»

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يەنە مۇنداق دېدى: «كۈرەشلىرىمىزنىڭ قاتتىق مۇرەككەپلىشىپ كېتىشى بىلەن بىرگە ئۆز-ئارا قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتنى سۆز بىلەن ئەمەس، ئەمەلىي ساھەدە تەشكىلاتلار تەشكىلاتلار بىلەن، رەھبەر رەھبەرلەر بىلەن، ئىلىم ساھەسىدىكىلەر، ئۆلىمالار ۋە زىيالىيلار ھەممىمىز بىرلىكتە ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، بىرلىكتە قەدەم ئېلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.»

ئۇ بۇ يىغىننىڭ ئاساسلىقى دەۋا يېتەكچىلىرى بىلەن تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش شۇنداقلا ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا يەنە ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 3-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» نامىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

بۇ يىغىندا سۆز قىلغان جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ زېمىن ۋە تۇپراق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان زېمىنىنى ئەبەدىي ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ: «شۇنىڭ ئۈچۈن بىز خىتاي بىلەن بولغان كۈرەشنىڭ ئىشغالىيەتكە قارشى زېمىن كۈرىشى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بېكىتىۋېلىشىمىز كېرەك،» دېدى.

تولۇق بەت