مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى شۆھرەت زاكىرنىڭ گېرمانىيەدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-01-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ش ئۇ ئا ر نىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا تەرلىرىنى سۈرتمەكتە. 2015-يىلى 10-مارت، بېيجىڭ.
ش ئۇ ئا ر نىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا تەرلىرىنى سۈرتمەكتە. 2015-يىلى 10-مارت، بېيجىڭ.
AP

دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ گېرمانىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىمەكتە.

12-يانۋار ميۇنخېندىكى بىر ئاممىۋى سورۇندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ سىڭلىسى مېھرىبان زاكىر د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئالدىنى توسۇپ: «سەن شۆھرەت زاكىرنى تىلغا ئالغۇچى بولما، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تىلغا ئالغۇچى بولما، شۆھرەت زاكىرنى خائىن دېگۈچى بولما، سەن ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ ھاياتىنى ئويلاپ قوي!» دەپ تەھدىت سالغان. ئارقىدىن مېھرىبان زاكىرنىڭ ئېرى غالىپ زاكىر شۇ سورۇندا دولقۇن ئەيسانى ئۇرۇش ئۈچۈن ئالدىغا ئېتىلىپ كەلگەن، ئەمما سورۇندىكى جامائەت تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان.

دولقۇن ئەيساغا قىلىنغان بۇ ھۇجۇم توغرىسىدىكى خەۋەر 13-يانۋار كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ۋە د ئۇ ق نىڭ تور سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. كۆپلىگەن كىشىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرۈپ، شۆھرەت زاكىرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە ئۇلارغا جىددىي رەۋىشتە چارە كۆرۈش تەلەپلىرىدە بولۇشتى. 

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز شۆھرەت زاكىرنىڭ چەتئەلدىكى بىۋاسىتە تۇغقانلىرىنىڭ خىتاي بىلەن پاراللېل مەيداندا تۇرۇپ د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيساغا قىلغان ھۇجۇمى توغرىسىدا ھەرقايسى ئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.

ئىلىشىمىزچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ۋەقەدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن. ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، «20 مىليون ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قاتىلى سانىلىدىغان شۆھرەت زاكىرنى قوغدىماقچى بولغان ھەرقانداق كىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى» نى بىلدۈردى. 

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن خەلچەم خانىممۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، «بۇ ھۇجۇم مۇھاجىرەتتىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزگە قىلىنغان ھۇجۇمدۇر، چەتئەللەردىكى خىتاي غالچىلىرىغا زەربە بېرىش-خىتايغا زەربە بەرگەن بىلەن باراۋەر،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق رەئىسىگە قىلىنغان بۇ ھۇجۇمدىن كۆپ بىئارام بولغانلىقىنى ئىزھار قىلغان گېرمانىيەنىڭ ستۇتگارت شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر ھاجىم بۇ ھەقتە توختالغاندا ئۇيغۇر جامائىتىنى ئەجدادلىرى تارىختا ئۆتكۈزگەن خاتالارنى تەكرارلىماسلىققا، ئۆز رەھبەرلىرىگە ئىگە چىقىشقا چاقىردى.

12-يانۋار ميۇنخېندا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاپلا قالماستىن، بىر قىسىم غەرب مەتبۇئاتلىرىدىنمۇ ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. 13-يانۋار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ياۋروپالىقلارنىڭ مەنپەئەتى» ناملىق تور خەۋەرلىرى بېتىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋەھىمە ۋە تەھدىت سالماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن خەلقئارادا ھازىرغا قەدەر ئۇچراپ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى، خىتاينىڭ تۈرلۈك شەكىللەردىكى ھۇجۇم ۋە تەھدىتلىرى بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە 12-يانۋار ميۇنخېندا يۈز بەرگەن ۋەقەمۇ تىلغا ئېلىندى. 

خەۋەردە شۆھرەت زاكىرنىڭ بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىنىڭ دولقۇن ئەيساغا قىلغان بۇ ھۇجۇمى «èغىر ۋەقە» دەپ ئاتالغان ھەمدە زاكىروفلار جەمەتىنىڭ دولقۇن ئەيسادىن شۆھرەت زاكىر ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئەيىبلەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئەكسى تەقدىردە دولقۇن ئەيسانىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانلىقى تەپسىلىي يېزىلغان. 

مەلۇم بولغىنىدەك، ئاخىرقى ئايلاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئارقىلىق د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ رەئىسىگە قارشى ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن، ھەتتا دولقۇن ئەيسانىڭ ھەدىسى ئارزۇگۈلنى سۆزلىتىپ «ئاپام-دادام قېرىلىقتىن ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلدى. لاگېردا ئۆلمىدى. . .» دېگۈزۈپ، دولقۇن ئەيسانى يالغانچىغا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. ھالبۇكى، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئاپىسىنىڭ 2 يىل ئىلگىرى لاگېردا قازا قىلغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەمما 90 ياشلىق دادىسىنىڭ ھايات ياكى ئۆلگەنلىكىدىن ھازىرغىچە ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە بولمىغان. 

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بۇيان خىتاينىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن بەزى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە ئاخبارات خادىملىرى ئۇنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان. دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە توختالغاندا ھەرقانداق ھۇجۇمغا ئىدىيەۋى تەييارلىقتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە شۆھرەت زاكىرنىڭ گېرمانىيەدىكى بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سوتقا ئەرز قىلىپ، گېرمانىيە قانۇنى بويىچە ئۇلارنى تېگىشلىك جازاغا تارتىش ھازىرلىقىدا بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت