گېرمانىيەدە خىتاينىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىغا تېخنىكىلىق ياردەمدە بولغان Siemens شىركىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-07-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ سانائەت گۇرۇھى بولغان Siemens شىركىتىنىڭ ميۇنخېندىكى باش شتابى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 27-ئىيۇل.
گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ سانائەت گۇرۇھى بولغان Siemens شىركىتىنىڭ ميۇنخېندىكى باش شتابى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 27-ئىيۇل.
RFA/Ekrem

گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ سانائەت گۇرۇھى بولغان Siemensنىڭ ميۇنخېندىكى باش شتابى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

27-ئىيۇل مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» بىلەن مەركىزى گۆتتىنگېن شەھىرىدىكى «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدا گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ سانائەت گۇرۇھى بولغان Siemens شىركىتىنىڭ ميۇنخېندىكى باش شتابى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، Siemens سانائەت گورۇھىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي ھەمكارلىقى دائىرىسىدە «خىتاي ئېلېكترون تېخنولوگىيەسى شىركىتى» بىلەنمۇ ئالاقىسى بولۇپ، Siemens بۇ خىتاي شىركىتىنىڭ چىراي تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشىغا تېخنىكا جەھەتتىن ياردەملىشىشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. ھالبۇكى، بۇ شىركەتنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن.

نامايىشچىلار كۆتۈرۈۋالغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە لوزۇنكىدىكى Siemens شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جويە كايسەرنىڭ چوڭايتىلغان رەسىمى ئاستىغا يېزىلغان «سودىدا ۋىجدان يوقمۇ، كايسەر ئەپەندى؟» دېگەن ئىبارىلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. گېرمانىيەدىكى چوڭ تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان SDF، يەنى «جەنۇبىي گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسى» قانىلى نەق مەيداندىن نامايىش خەۋىرىنى تارقىتىپ بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغان. بۇ خەۋەر 27-ئىيۇل تېلېۋىزوردا تەكرار-تەكرار كۆرسىتىلدى.

SDF قانىلى مەزكۇر نامايىش توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىدە «2 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ قايتا تەربىيىلەش مەركىزىگە قامىلىپ تۇرماقتا» دېگەن جۈملىنى ئىشلەتتى. خەۋەردە سىم توسۇقلار بىلەن ئورالغان جازا لاگېرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئېغىر دەرىجىدە نوپۇس قىرغىنچىلىقى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، Siemens كە ئوخشاش چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى نەزەرگە ئالمايۋاتقانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بېسىملىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقى ياكى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان تىجارىي ئالاقىلاردا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق ئىشلارنى قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىندى. فىلىمدا يەنە كۆزلىرى تېڭىلغان، قوللىرى باغلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەك ئۈچۈن خىتايغا يۆتكىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خاننو شىدلېر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا «ئاۋۋال گېرمانىيە، ئاندىن پۈتۈن ياۋروپا خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى قايتا كۆزدىن كۆچۈرۈشى كېرەك،» دېدى. ئۇ مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى: «گېرمانىيە باشتا بولۇپ پۈتكۈل ياۋروپانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي ۋە تىجارىي مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرىدىغان ۋاقتى كەلدى. گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر خىتاي بىلەن سودا ھەمكارلىقلىرىدا چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن يىراق تۇرۇشى، ئۇيغۇرلارنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى لازىم».

بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ميۇنخېن شەھىرىدىكى جامائەت ئەربابلىرىدىن نۇرئەھمەت قارىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ نامايىشنىڭ ئەتراپتىكى يەرلىك خەلقنىڭ دىققىتىنى تارتىپلا قالماي، Siemens شىركىتىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن سودا ھەمكارلىقىدا بولۇۋاتقان گېرمانىيە شىركەتلىرى ئاز ئەمەسكەن. ئۇ سۆزىدە، بۇندىن كېيىن بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا قارشى پائالىيەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇش زۆرۈرىيىتى بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت