مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن تارتىپ قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن كۆپلىگەن ئالىملار يېتىلىپ چىقىشقا باشلىغانىدى. ئىلىم-پەننىڭ ھەر ساھەلىرىگە ۋەكىللىك قىلغان ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەملىكەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردىمۇ تونۇلدى. شۇلار ئارىسىدىن بىۋاسىتە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى، ئېتنوگرافىيەسى، مەدەنىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارمۇ بولغانىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇنىڭغا بولۇپمۇ ئەينى چاغلاردىكى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەركىبىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ، ئاندىن 1986-يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئېچىلىشى سەۋەب بولغانىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر ئەنە شۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئېلىمىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشقان ئالىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى، يۇرتداشلىرى، شاگىرتلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر بۇ ئالىملارنىڭ ئىسىملىرىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش بويىچە كۆپلىگەن ئىشلارنى قىلماقتا. يېقىندا ئەنە شۇنداق ئىشلارنىڭ بىرى ئالمۇتادىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەدە ئۇيۇشتۇرۇلدى. 21-نويابىر كۈنى مەزكۇر گىمنازىيەنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ نامىدىكى كىتابخانىسىدا ئاتاقلىق تۈركشۇناس، ئۇيغۇرشۇناس ئالىم ۋە جەمئىيەت ئەربابى، قازاقىستان مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-پائالىيىتىگە بېغىشلانغان مۇزېينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.
مۇراسىم دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى مۇناسىۋىتى بىلەن بىخەتەرلىك چارىلىرىنى ساقلىغان ھالدا تار دائىرىدە ئۆتتى. ئۇنىڭغا جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، مەرھۇمنىڭ يۇرتداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، مەكتەپ ئۇستازلىرى قاتناشتى.
دەسلەپتە ئالىمنىڭ ئۆمۈر بايانى، ئىلمىي-پېداگوگىكىلىق ۋە جەمئىيەتلىك پائالىيىتى ھەققىدە دوكلات قىلىندى. ئاندىن مەرھۇمنىڭ رەپىقىسى ئوماق ھەسەنوۋا ۋە ئالمۇتا شەھەرلىك جەمئىيەتلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، ئالمۇتا تۆمۈر ئىنشائاتلىرى زاۋۇتىنىڭ مۇدىرى ئەخمەتجان شەردىنوف مۇزېينىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كەستى. دەسلەپ سۆزگە چىققان ئەخمەتجان شەردىنوف ئالىمنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل قازاقىستاننىڭ ماختىنىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۆز كەسىپداشلىرى، ھەتتا چەتئەللىك ئالىملار ئارىسىدىمۇ، پۈتكۈل ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئابرۇيىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ئالىمنىڭ شاگىرتلىرىدىن تىلشۇناسلار، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورلىرى ۋالېرىي مەخپىروف، روشەنگۈل ئاۋاكوۋا ۋە باشقىلار غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ ئىلىم-پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت، مەتبۇئات ۋە باشقىمۇ ساھەلەرنىڭ راۋاجلىنىشىغا قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنىڭ نەشر قىلىنمىغان ئەمگەكلىرىنى رەتلەپ، ئېلان قىلىشقا كۆپ كۈچ چىقارغان ئوماق ھەسەنوۋاغا ئۆزلىرىنىڭ چەكسىز مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى. ناتىقلار شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بۈيۈك نامايەندىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشتە، مىللىي مائارىپ، مەدەنىيەت، ئەدەبىياتنى تەرغىب قىلىشتا كۆپلىگەن ئىشلارنى قىلىۋاتقان مەزكۇر گىمنازىيەنىڭ كوللېكتىپىغا، جۈملىدىن ئۇنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروفقا رەھمەت ئېيتتى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئوماق ھەسەنوۋا خانىم مەرھۇم غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ كۆپلىگەن قوليازمىلىرىنىڭ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «خەتلىرى ئىككى قاچا بولدى. مۇشۇلارنى چىقارسام بولمامدۇ دېۋىدىم، بالىلىرىم ياردەم بېرىمىز دېدى. ئۈچ تومنى بەش يىلدا چىقاردىم. تۆت تومنى ھەممىسىگە تارقىتىۋەتتىم. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئالغان ئاتاقلىرى، مۇكاپاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى كىرگۈزدۈم. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئالىملار ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. 8-9 مەملىكەتكە غوجەخمەتنىڭ كىتابلىرىنى ئەۋەتتىم. شۇلارنىڭ ئىنكاسلىرىنىمۇ كىرگۈزدۈم. باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرىنىمۇ كىرگۈزدۈم.»
مۇراسىمدا سۆزگە چىققان بىئولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى مەسىمجان ۋېلەموف، «ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ باشلىقى مالىك مەھەمدىنوف ۋە باشقىلار ئوماق ھەسەنوۋانىڭ بۈگۈنگە قەدەر يەتتە توملۇق ئەمگەكنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇلار يەنە غوجەەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ ھەر ساھەلەردىكى ئەمگىكىنى، بولۇپمۇ كادىر تەييارلاشتىكى ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىپ، مەزكۇر مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغانلارغا چەكسىز مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى.
ئابىلايخان نامىدىكى قازاق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە دۇنيا تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ۋالېرىي مەخپىروفنىڭ پىكرىچە، غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ ئىسمىسىز دۇنيا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىنى ھېس قىلىش مۇمكىن ئەمەسكەن. قازاقىستان شەرقشۇناسلىق ئىلمىنىڭ بىرقىسمى بولغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش بۆلۈمىنىڭ، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ، ئاندىن 1986-يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەشكىللىنىشى يەنە شۇ ئالىمنىڭ ئىسمى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانىكەن.
ۋالېرىي مەخپىروف مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئىلمىي پائالىيىتى 1950-يىلدىن، يەنى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش بۆلۈمىنىڭ ئېچىلىشىدىن تارتىپ باشلىنىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا غوجەخمەت ئاكا شۇ بۆلۈمنىڭ ئاسپىرانتى بولۇپ، تا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى لاۋازىمىغىچە بارلىق دەرىجىلەرنى بېسىپ ئۆتتى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىمىغا سادىق بولۇپ قالدى. ئەسلەپ ئۆتسەك، غوجەخمەت ئاكىنىڭ ھاياتى ئۆز ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا ئۈزۈلدى. بۇ چاغدا ئۇ ئىنستىتۇتتا بولىدىغان ئىلمىي كېڭەشنىڭ يىغىنىغا ئالدىرىغان ئىدى. بۇ يىغىندا ئۇنىڭ كەسىپدېشى پروفېسسور خەمىت تۆمۈرنىڭ مونوگرافىيەسى مۇھاكىمە قىلىنماقچى بولغان. غوجەخمەت ئاكا سەدۋاقاسوفنىڭ بىلىم دەرىجىسى ئىنتايىن كەڭ ۋە كۆپتەرەپلىمىلىك ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيىتى مەسىلىلىرىگە ناھايىتى قىزىقاتتى. ئالىمنىڭ ئومۇمەن ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە يۈرگۈزگەن ئىزدىنىشلىرى كۆپلىگەن ئەمگەكلىرىدە ئۆز ئەكسىنى تاپتى، تارىخچىلارنىڭ، ئەدەبىياتشۇناسلار ۋە فولكلورشۇناسلارنىڭ ئاساسىي تەتقىقاتلىرىنى قوللانمىسىغا ئايلاندى.»
ۋالېرىي مەخپىروف غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىق قىلىش دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە ئۇنى تەجرىبىلىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن تەمىنلەش، شۇنداقلا ئىنستىتۇتنىڭ چەتئەللىك ئىلمىي-تەتقىقات مەركەزلىرى بىلەن ئالاقىلىرىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈستىدە ئىشلەۋاتقان بىر مەزگىلدە تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇراسىم ئاخىرىدا غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. ئاندىن گىمنازىيا مۇدىرى، ئالمۇتا شەھەرلىك ئالىي كېڭەش ئەزاسى شاۋكەت ئۆمەروف مۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ياشلارنى مىللىي روھتا تەربىيەلەشتە، ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن چىققان ئۇلۇغ نامايەندىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ كۆپ كۈچ چىقىرىشى ئارقىسىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن يەنە بەش يىل ئۆمۈر سۈرۈپ، يېپىلىپ كەتكەنىكەن. ھازىر ئالمۇتادىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى ئەنە شۇ ئىنستىتۇتنىڭ ۋارىسى ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۇر مەركەز ھازىرمۇ ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىلگىرىكىدەك مۇمكىنچىلىكلەردىن مەھرۇمكەن.