ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي «ئىختىساسلىقلىرى» نىڭ ئېقىپ كېتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2009-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻟﻪﻧﺠﯘﺩﯨﻜﻰ ﭘﻮﻳﯩﺰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.
2009-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻟﻪﻧﺠﯘﺩﯨﻜﻰ ﭘﻮﻳﯩﺰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo

ئۈرۈمچىدىكى «شەرق-غەرب ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزى» نىڭ باشلىقى تاڭ لىجيۇنىڭ ماقالىسى 24-يانۋار كۈنى مەزكۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىندى.

تاڭ لىجيۇ ماقالىسىدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ رايوندىكى نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، 2009-يىلىدىكى 46 پىرسەنتتىن 2016-يىلىدىكى 5. 34 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا خىتايلارنىڭ نوپۇس نىسبىتىنىڭ ئەسلىدىكى 10 پىرسەنتتىن ھازىرقى 5. 6 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېتىبار بېرىش، باجنى كەچۈرۈم قىلىش، مەنپەئەت بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىغا تېخىمۇ جىق خىتاي «ئىختىساسلىق خادىملىرى» ۋە پۇلدارلارنى جەلپ قىلىشنى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنىڭ رايوندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا ئاساس يارىتىشنى تەكلىپ قىلغان.

بىز مەزكۇر تور بېكىتىدە قالدۇرۇلغان ئالاقە ئۇچۇرى بويىچە ئاپتور تاڭ لىجىيۇ بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشتۇق.

26-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9:00 دا ئۇرغان تېلېفونىمىزنى «ئۆزىنى ئاپتور تاڭ لىجىيۇنىڭ ياردەمچىسى» دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئايال خادىم قوبۇل قىلدى ۋە مۇنداق دېدى: «بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى بىزنىڭ تەتقىقات ئورنىمىز نىڭ باشلىقى. ئۇ كىشى ھازىر بۇ يەردە يوق. سىز ماڭا ئۆزىڭىزنىڭ ئالاقە ئۇچۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز، باشلىقىم كەلگەندە سىز بىلەن ئۆزى ئالاقىلەشسۇن، قانداق دەيسىز؟»

سۆھبىتىمىزنىڭ دەسلىپىدە ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ماقالە ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن بۇ ئايال خادىم، ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان كونكرېت سانلىق مەلۇماتلار ۋە ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ-پىكىرلەر توغرۇلۇق سورالغان سوئاللارنى باشلىقى، يەنى ماقالە ئاپتورى تاڭ لىجىيۇ ئەپەندىگە يەتكۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، مەزكۇر ماقالىنىڭ ئۆزىنىڭ باشلىقى تاڭ لىجيۇ تەرىپىدىن يېزىلىپ، تەتقىقات مەركىزىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر تەكلىپ لايىھىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«سىز بىلمەكچى بولغانلىرىڭىزنى مەن چۈشەندىم. تور بېتىدە قالدۇرۇلغىنى بىزنىڭ ئىشخانىنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرى. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغان تور بېتىنى شىنجاڭدىكى سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئۆز-ئارا پىكىرلىشىش ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈش سەيناسى دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ تور بېتى ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس باشقۇرۇشىدىكى تور بەت ئەمەس. ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى پەقەت بىزنىڭ، يەنى سودا-سانائەت بىرلەشمىسىدىكى مەسلىھەتچىلەرنىڭ شەخسىي قاراشلىرى ۋە تەكلىپلىرى دېيىشكە بولىدۇ.»

تاڭ لىجيۇنىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېيىلگەن: «2009-يىلى يۈز بەرگەن ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى› دىن كېيىن، خىتاي ئىختىساسلىقلار ۋە كارخانىچىلار ئۇيغۇر رايونىدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ كېتىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىنىڭ بەزى جايلىرىدا نوپۇسنىڭ بىر مىللەتكە يۈزلىنىشىدەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقتى. بۇ ئەھۋال رايوندا جۇڭخۇا بىرلىكىنى تونۇش تەشۋىقاتى ۋە شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مۇقىم تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلدى.»

مەزكۇر ئايال خادىمدىن يۇقىرىقى ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان بەزى سانلىق مەلۇماتلار ھەققىدە مەلۇماتىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن كۆرۈنەرلىك ئازايغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تازا ئېنىق بىلمەيمەن. ئەمما 2009-يىلدىكى ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى› دىن كېيىن بۇ يەردىكى خىتاي سەرخىللىرىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەرگە كېتىپ قېلىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆپ بولغانلىقىنى بىلىمەن.» 

تاڭ لىجيۇ ماقالىسىدە يەنە بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى ياخشىلاش بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق «يۇقىرى ساپالىق خىتاي ئىختىساسلىقلىرى» ۋە پۇلدارلارنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆپلەپ كېلىشكە قىزىقتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەزكۇر ئايال خادىم يەنە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «مەن سىزگە دېدىم، مەن سودىگەر ئەمەس، مەن پەقەت شىركەتنىڭ بىر خىزمەتچى خادىمى، خالاس. شىنجاڭغا يىللاردىن بۇيان مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي سودىگەرلەر مەملىكەتنىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەنلەردۇر. ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىشتىكى مەقسىتى بۇ يەردە سودا قىلىپ پۇل تېپىش. ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى‹ يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېتىپ تىجارەت قىلسا تېخىمۇ بىخەتەر بولىدىغانلىقىنى ئويلىغان بولسا كېرەك. ئەمما يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدىغان جاي ئەمەلىيەتتە بايلىققا ئېرىشىدىغان جاي بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ بىلىشىمچە، گەرچە بىرنەچچە يىلدىن بۇيان كارخانىچىلار ئارىسىدا بىر تۈركۈملىرى كېتىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭىدىن كېلىۋاتقان سودىگەرلەر يەنە بار.»

بۇ خادىم ئۇ تېلېفوننىڭ ئامېرىكىدىكى «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» دىن ئۇرۇلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن بىردىنلا جىددىيلىشىپ، بەزى سەزگۈر مەسىلىلەرگە ئۆزىنىڭ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئەڭ ياخشىسى ماقالە ئاپتورى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىز لازىملىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە رايوندا يولغا قويۇلۇۋاتقان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى زۆرۈر دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ماقالىدا 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، رايوندىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ ئازايغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى، ئەمما ماقالە ئاپتورىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئىتى نۇقتىسىدا تۇرۇپ بۇ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىدى. ياڭ جيەنلى ئەپەندى، رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ، بولۇپمۇ يۇقىرى ساپالىق خىتاي ئىختىساسلىقلىرى بىلەن خىتاي سودىگەر-كارخانىچىلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە قېچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەقىقىي سەۋەبنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىيچىلىك بىلەن خىتاي پۇقرالىرىدىكى ئەنسىرەش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. 

ياڭ جيەنلى ئەپەندى ئۆز بايانلىرىدا يەنە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن قېچىشىغا يەرلىكتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھىمايىسىدە تۇرۇۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭمۇ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما تاڭ لىجيۇنىڭ ماقالىسىدە بۇ ئامىللارنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، يەرلىكتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھىمايىسىدە تۇرۇۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان زىددىيەتمۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن قېچىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھەر خىل مەقسەتلەر بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا يۈرۈشتۈرۈلۈۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى رايوندىكى ئىقتىسادىي ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولۇشنى ھەممىدىن بەكرەك ئويلايدىكەن. گەرچە ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ھىمايە قىلسىمۇ، ئەمما بۇ سەۋەبلىك رايوندىكى مىللىي توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى خالىمايدىكەن. ئۇلار، ناۋادا رايوندىكى يەرلىك خەلق ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت-توقۇنۇشلار كۈچىيىپ كەتسە بۇنىڭ مۇقەررەر ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدىكەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پۇرسەت تاپالىغانلىرى ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان يۇقىرى ئىمتىياز ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەردىن ۋاز كېچىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە قايتىپ كېتىشنى ئاقىلانىلىك دەپ بىلىدىكەن. 

ئۈرۈمچىدىكى «شەرق-غەرب ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزى» رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تاڭ لىجيۇنىڭ ماقالىسىنى ئۆزىنىڭ تور بېتىدىن ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت