ئابدۇۋەلى ئايۇپ: «تۈرمىدىن چىققىنىمدا يۇرتۇم ئاللىقاچان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان ئىكەن» (9)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-11-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2016-يىلى 7-يانۋار، ئەنقەرە.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2016-يىلى 7-يانۋار، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ 2011-يىلى ئامېرىكىدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ ۋەتەنگە قايتىشى ۋە خۇسۇسىي مەكتەپ ئېچىپ، كرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن يېڭى يول ئاچماقچى بولغانلىقى ئۆز خەلقىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن قايغۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا نىسبەتەن زور بىر سىناق بولغان ئىدى.

ھالبۇكى، بۇ ئېغىر سىناققا تەۋەككۈل قىلغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا دائىرىلەرنىڭ تەقىب قىلىشىغا ئۇچراپ بىر يېرىم يىل تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ 2014-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئانا يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كېلىدۇ. بىر يىلدىن ئارتۇق تۈرمە ھاياتى ئۇنىڭغا ھوقۇقسىزلىق ۋە مەھكۇملۇق قىسمىتىگە دۇچار بولغان بىر مىللەتنىڭ ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ كۈنلىرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

ئۇ، ئۆزى قاماققا ئېلىنغان بىر يېرىم يىل مابەينىدە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ شۇنداقلا ئەزىزانە قەشقەرنىڭ تامامەن باشقىچە بىر ۋەھىمىلىك كەيپىياتقا چۆمگەنلىكىنى، ئىلگىرىكى ئادەملەر مىغىلداپ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمىدىغان قەشقەر كوچىلىرىنىڭ ساقچىلار بىلەن تەكشۈرۈش توسۇقلىرىغا تولغانلىقىنى كۆرىدۇ.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ قويۇپ بېرىلىپ، ئون نەچچە كۈن ئۆتكەندە قەشقەردىكى بىر كىملىك تەكشۈرۈش پونكىتىدا ساقچىلارنىڭ تەقىب قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ كىملىكى تەكشۈرۈش ماشىنىسىغا سۈركىلىشى بىلەن تەڭ سىگنال بېرىپ، ئۇنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈش ئوبيېكتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ ساقچىغا ئېلىپ بېرىلىپ، تۆمۈر رېشاتكىلىق قاماقخانىغا سولاپ قويۇلىدۇ. بىرقانچە سائەتتىن كېيىن ساقچى ئۇنى چاقىرىپ سوراق قىلىدۇ، ئەمما ساقچىلار ئۇنىڭ تۈرمىدە ياتقانلىق تارىخىدىن باشقا ھېچقانداق گۇمانلىق نەرسە بايقىيالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، نۆۋەتچى ساقچى ئۇنى ساقچىخانىنىڭ ھاجەتخانىسىنى تازىلاپ، چوتكىلاپ يۇيۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئابدۇۋەلى ساقچىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ھازىر مەھبۇس ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ساقچىخانىنىڭ ھاجەتخانىسىنى تازىلايدىغان ھېچقانداق مەجبۇرىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىپ زاكۇنلىشىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ قارشىلىقى ساقچىنىڭ زوراۋانلىقى ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى خورلۇقى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئىككىنچى قېتىم، ئۇ ئۆزى ئىنگلىز تىلىدىن دەرس ئۆتۈۋاتقان كۇرسقا كېتىۋاتقاندا ساقچىنىڭ يولسىزلىقىغا ئۇچراپ قاتتىق تاياق يەيدۇ. ئارقىدىن قەشقەر تۆشۈك دەرۋازا ساقچىخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ قاماپ قويۇلىدۇ. بۇ يەردە بىر نەپەر خىتاي ساقچىنىڭ مەسخىرە قىلىشى ۋە غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. ئاخىرىدا ئائىلىسىدىكىلەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ساقچىخانىغا كېلىپ ئۇنى ئېلىپ چىقىدۇ.

بۇ ئىشتىن قاتتىق غەزەپلەنگەن ئابدۇۋەلى قەشقەر ۋىلايەتلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتى، ج. خ. ئىدارىسى ۋە ئالاھىدە ساقچى ئورۇنلىرىغا بېرىپ، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى ئۈستىدىن ئەرز قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۆز ئىچىدىن تور بولۇپ شەكىللەنگەن ساقچىلار ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ، ئۇنى ئاخىرىدا ئەرزىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.

ناھەق تۈرمىدە يېتىپ ئاخىرى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاللىقاچان «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلانغان قەشقەردە ئابدۇۋەلى ئايۇپ باش تىققۇدەك پاناھ جاي، ئەركىن نەپەس ئالغۇدەك بىر بوشلۇق تاپالمايدۇ.

قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ ئۆز ۋاقتىدا خەلقى، يۇرتى ۋە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىدىكى مائارىپىغا بولغان ۋىجدانىي مەسئۇلىيىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۆزى تۇغۇلغان ئانا يۇرتىدا ئەركىن بىر نەپەس ئالغۇدەك ئىمكانىيەتنىڭ قالمىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلماقتا. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ قايسى يولغا مېڭىشى كېرەك؟!..

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە بېغىشلانغان مەزكۇر پروگراممىنىڭ بۈگۈنكى 9-قىسمىدا ئۇنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن قەشقەردە ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئاخىرقى رىيازەتلىك كۈنلىرى ئۆز ئېغىزىدىن بايان قىلىنىدۇ.

(داۋامى بار)

تولۇق بەت