يېزىلارغا چۈشۈرۈلگەن ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ ئېغىر روھى بېسىم ئىچىدە قالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-11-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىدارە-ئورگانلاردىن، 5826 قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ، خوتەنگە ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ئۈچۈن كېتىۋاتقان خىزمەتچىلەر. 2014-يىلى 3-مارت، ئۈرۈمچى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىدارە-ئورگانلاردىن، 5826 قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ، خوتەنگە ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ئۈچۈن كېتىۋاتقان خىزمەتچىلەر. 2014-يىلى 3-مارت، ئۈرۈمچى.
www.gov.cn

يېزىلارغا مۇقىملىق ساقلاشقا چۈشۈرۈلگەن ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ ئېغىر روھى بېسىم ئىچىدە قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار ۋە ئىنكاسلار ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەيدانغا چىقىشقا باشلىغان ئىدى.

رادىئومىز ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندىمۇ، تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن كادىرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە «ھۆكۈمەتكە ساداقىتىنى ئىپادىلەش بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھالىغا يېتىش»، يەنى سىياسىي مەجبۇرىيىتىنى ئىجرا قىلىش بىلەن ۋىجدانىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئارىسىدىكى زىددىيەتلىك تاللاش تۈپەيلى ئېغىر روھى بېسىم ئىچىدە قالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

دائىرىلەر ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 200 مىڭ كادىرنى ئۈچ يىلغا بۆلۈپ تۆۋەنگە چۈشۈرۈش پىلانىنى رەسمىي باشلىغان. بۇ يىل سىنتەبرىدە «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى» دائىرىلەرنىڭ 200 مىڭ كادىرنى 3 يىلغا بۆلۈپ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈش ئارقىلىق رايوندا «ئەبەدىي ئەمىنلىك» كە پۇختا ئاساس سالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ دولقۇندا ئۈرۈمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىن تۈركۈم -تۈركۈم خىزمەتچىلەر ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى يېزىلاردا 6 ئايدىن 2 يىلغىچە ئىشلەشكە چۈشۈرۈلدى.

ئىلگىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىزمەت گۇرۇپپىسى تەركىبىدە ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىلگەن بىر قىسىم شاھىتلار «تۆۋەنگە ئەۋەتىلگەن كادىرلار ئىشى زور داغدۇغا بىلەن باشلىنىپ شەپىسىز ئاخىرلىشىدىغان، ھېچقانداق چوڭ مەسىلە ھەل بولمايدىغان سېپى ئۆزىدىن شەكىلۋازلىق ئىكەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى بىر قىسىم كادىرلار ئۆز ۋىجدانىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يۈزىسىدىن ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ بېرىشكە تىرىشقان ھەمدە دېھقانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم بۇ ھەقتە ئوز بىلىدىغان بەزى ئىشلارنى بىلدۈردى.

ھالبۇكى، «مۇقىملىق كادىرلىرى» دىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، دېھقانلار ئۈچۈن بەزى ئەمىلى ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، دېھقانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بىر قىسىم كادىرلار ئۈرۈمچىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھەر خىل قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ جازالانغان.

ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئىدارىدە ئىشلەيدىغان ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان باشقارما دەرىجىلىك بىر كادىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئاقسۇنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدە بۇلتۇر بىر يىل نۇقتىدا تۇرۇپ ئىشلەش جەريانىدا، يەرلىكنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىدىكى زىيادە سولچىللىققا ياتىدىغان بەزى ئەھۋاللارنى تۈزىتىش تەكلىپىنى بەرگەنلىكى ۋە ھال ئېيتىپ كەلگەن دېھقانلارنىڭ ئەمىلى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەرگىنى ئۈچۈن، ئىدارىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىدارە دائىرىلىرى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەۋەتىلگەن «خىزمەت پوزىتسىيىسى خۇلاسە دوكلاتى» غا يېزىلغان ئۇنىڭ ئاتالمىش «17 تۈرلۈك جىنايىتى» نى ئوقۇپ ئۆتكەن. ئۇنىڭغا خىزمىتىدىكى سەۋەنلىكلەر ھەققىدە يازما تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىش بۇيرۇلغان ۋە ئەسلىدىكى باشقارما دەرىجىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، باشقا بۆلۈمگە چۈشۈرۈۋېتىلگەن.

چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئامېرىكىدىكى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرشىچە، يېزىلارغا چۈشۈرۈلگەن «مۇقىملىق كادىرلىرى» ئىچىدە بەزىلىرى دېھقانلارنىڭ ئېچىنىشلىق رېئاللىقىنى كۆرگەندىن كېيىن روھىي بېسىمغا دۇچ كەلگەن.

ئۇ، بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە، بۇلتۇر جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە بىر يىللىق تۆۋەنگە چۈشۈپ خىزمەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز قازا قىلغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە پەنلىرى پروفېسسورى خەمىت مۇئەللىمنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدە تارقالغان مۇنازىرىلەرنى نەقىل ئېلىپ، مۇقىملىق كادىرلىرى نامىدا يېزىلارغا چۈشۈرۈلگەن ئۇيغۇر كادىرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر روھى بېسىملار ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلشات ئەپەندى بايانىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبلىك بارغانچە كۆپىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئازايتىش مەقسىتىدە، تۈركۈم-تۈركۈم كادىرلارنى يېزىلارغا چۈشۈرۈپ ‹مۇقىملىق خىزمىتى› گە سالغان بولسىمۇ، ئەمما قېنى ئۇيغۇر بولغان بۇ كادىرلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۇچراۋاتقان ناھەقچىلىكلەرنى كۆرگىنىدە ئۇلاردا قوزغالغان ھېسداشلىق ۋە دېھقانلار ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش تۇيغۇسى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ساداقەت بىلەن ئىجرا قىلىش ئوتتۇرىسىدا تاللاشقا دۇچ كەلگىنى ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىر روھى بېسىم ئىچىدە قالغان» لىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل ياز پەسلىدە يەكەندىكى بىر يىللىق «نۇقتىدا تۇرۇپ ئىشلەش خىزمىتى» نى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن جۇغراپىيە پەنلىرى مۇتەخەسسىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن خەمىت مۇئەللىم تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغان ئىدى.

مەرھۇم خەمىت مۇئەللىمنىڭ مېيىت نامىزىغا قاتناشقان بىرەيلەننىڭ ئۆز كىملىكنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مۇراسىمدا بەزىلەر ئۇنىڭ تۆۋەندە ئىشلەش جەريانىدا زىيادە چارچىغانلىقى سەۋەبىدىن ۋاقىتسىز قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ تۆۋەندە ئىشلەش جەريانىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئېچىنغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ قۇربى يەتكەن بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقىنى، ۋە تېخىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئىچى پۇشقانلىقىنى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزى قاتناشقان ئاممىۋى سورۇنلاردا دېگەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت