ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-08-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ تۈركىيە چېگراسىدىن بۆسۈپ كىرىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2015-يىلى 14-ئىيۇن.
سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ تۈركىيە چېگراسىدىن بۆسۈپ كىرىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2015-يىلى 14-ئىيۇن.
AFP

خىتاي، ئاۋسترالىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولسىمۇ ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق كۈرىشىگە ئوخشاش رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ھەم شۇنداقلا ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنى ئاۋسترالىيەدىكى مۇھىم سېكتورلارغا مەبلەغ سېلىش ئىمكانىيىتىنى چەكلىمە ئاستىغا ئالىدىغان تەدبىرلىرى، خىتايلارنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۆي-مۈلك بازىرىغا كۆرسىتىۋاتقان سەلبىي تەسىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ مۇرەككەپلىشىۋاتقان ۋەزىيىتى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ب ب س ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ سوغۇق مەزگىلىنى باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئاۋسترالىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئوخشاش ۋاقىتتا ئاۋسترالىيە ئۈچۈن بىر ھەربىي تەھدىت ھېسابلىنىدىكەن. خىتاينىڭ زورىيىۋاتقان ھەربىي كۈچى، ئاۋسترالىيەدىكى زورىيىۋاتقان خىتاي نوپۇسى، تەسىر دائىرىسى قاتارلىقلار ھەممىسى ئاۋسترالىيە خەلقىنى ھەم شۇنداقلا ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ. ب ب س نىڭ خەۋىرىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن :

«ئاۋسترالىيە بىر ياقتىن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي شېرىكى ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى، يەنە بىر ياقتىن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ مەركىزىدىكى دۆلەت بولغان خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ھەم شۇنداقلا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ ئىنتايىن ياخشى تەڭشەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشى ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى قاتتىقلاشتۇرۇشى سەۋەبلىك مۇرەككەپلىشىپ كەتتى.»

ئەمما، يەنە بەزى مەتبۇئاتلار بولسا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋاتقان ئامىللار ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. «ئاۋسترالىيە مالىيە ئوبزورى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئاۋسترالىيە ۋە خىتاينىڭ مۇرەككەپ خەۋپسىزلىك مۇناسىۋەتلىرى» ناملىق ماقالىدە مانا بۇ ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن. يۇقىرىدىكى ماقالىسىدە ئېيتىشىچە، يېقىندا كانبېررادا «ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى» ھەققىدە بىر ئىلمىي يىغىن چاقىرىلغان. بۇ يىغىن ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇرلار مۇھىم تېما بولغان. ماقالىنىڭ ئاپتورىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىغىنغا ئاۋسترالىيە ۋە خىتاي ھەر ئىككىلا تەرەپ يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، يىغىننىڭ مەزمۇنى بىۋاسىتە ھالدا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىغا دوكلات قىلىنغان. مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورگان بولغان ئاۋسترالىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى شۇنداقلا مەزكۇر يىغىننىڭ رىياسەتچىسى مايكىل كلارك ئەپەندىنىڭ ماقالە ئاپتورىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، كانبېررادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي يىغىندىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى «خىتاينىڭ غەربىدە ھەقىقەتەن بىر تېررورىزم مەسىلىسى مەۋجۇت» دېگەن سۆزگە مەركەزلەشكەن.

ئاۋسترالىيە-خىتاي ئارىسىدا ئېچىلغان بۇ يىغىن ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى. ئاۋسترالىيەدىكى دوكتور مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى قاتتىق يىرىكلەشكەن مەزگىلدە ئېچىلىشىنىڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى:
«بۇ يىغىننى باشقۇرغان مايكىل كلارك ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان شۇنداقلا ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق تېزىسىنىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يازغان بىر شەخس. ئۇ ئىلگىرى بىزنىڭ بىر يىغىنىمىزغىمۇ قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە سۆز قىلغان. ئەمدى مۇشۇنداق بىر يىغىندا مايكىل كلارك ئەپەندىنىڭ ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ غەربىدە ھەقىقەتەن تېررورلۇق مەۋجۇت، دەپ قوبۇل قىلىدۇ، دېيىشى دىققەت قوزغايدۇ. بۇ ئاۋسترالىيە خۇددى ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاشقا تەرەددۇدلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ دىققەت قوزغايدۇ. ئىككىنچىسى، بۇ يىغىندا مەيلى ئاۋسترالىيەدە مەيلى خىتايدا تۇغۇلغان ۋە سۈرىيە، ئىراقتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئەزا بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى خىتاي بىلەن ئورتاقلىشىش مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان. بۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. ئاۋسترالىيەنىڭ تۇيۇقسىز ھالدا ئۇيغۇر كارتىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى دىققەت قوزغايدۇ.»

مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تېررورچىلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىش مەسىلىسى «ئاۋسترالىيە مالىيە ئوبزورى» دىكى ماقالىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«خىتاي دائىرىلىرى بىر قانچە يىلدىن بۇيان تۈركىي مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەگە بېرىپ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ۋە شۇنىڭدەك باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. ئۇلار بۇ ئارقىلىق خىتايدا ئۆكتىچى ئاۋازلارنى باستۇرۇشقا قارىتىلغان قاتتىق قول سىياسەتلىرىنى ئاقلىدى. ئەلۋەتتە بۇ يەردە خىتاينىڭ قاتتىق قوللۇق تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنى خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى چېگرالىرى ئارقىلىق مالايشىيا، ھىندونېزىيە، فىلىپپىن ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىشىغا يول ئاچقانلىقى ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىنمۇ قەيت قىلىنغان. ئەمما ھازىرغىچە ئاۋسترالىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش سەزگۈر ئۇچۇرنى خىتاي بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىغا دائىر بىر ئىشارەت يوق. ئەگەر شۇنداقلىكى بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ئۇ ھالدا ئۇ چوقۇم زور نارازىلىق نامايىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن».

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى بۇ يىل 3-ئايدا بېيجىڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتنىڭ تېمىسى ئاساسلىق رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تېررور ئېقىملىرى، يەرلىك تېررورىزم تەھدىتى ۋە زوراۋان رادىكاللىق ھەرىكەتلىرىگە مەركەزلەشكەن ئىكەن.

مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى بولسا ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىغا تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىنىڭ سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇنىڭ بىرى، ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇيغۇر كارتىسى ئارقىلىق خىتاي بىلەن يىرىكلەشكەن مۇناسىۋەتلىرىنى ئازراق بولسىمۇ يۇمشىتىش. يەنە بىرى دىققەتنى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان تىجارەت، ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى ئىختىلاپلاردىن يۆتكەش.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇلى بىشوپ مەزكۇر گېزىتىگە بۇ يىغىننىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلىپ، ئىستىخباراتقا دائىر ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ، دېگەن. «ئاۋسترالىيە مالىيە ئوبزورى گېزىتى» ماقالىدە، جۇلىي بىشوپ خانىمنىڭ بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىشنى رەت قىلىشىدىكى سەۋەب ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ بايان قىلغان :
«بۇ بەلكىم خىتايدىكى تېررورلۇقنىڭ ناھايىتى نازۇك مەسىلە بولۇشى ۋە سىياسىي سەزگۈرلۈككە ئىگە بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى ئاپتونومىيە ھەتتا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان رايونغا مۇناسىۋەتلىك بولۇشى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇشى مۇمكىن. يەنى،بۇ ۋەزىيەتنى مۇنداق بىر ئېغىز گەپكە يىغىنچاقلاش مۇمكىن ‹بىرى ئۈچۈن تېررورىست ھېسابلانغان، يەنە بىرى ئۈچۈن ئەركىنلىك جەڭچىسى› ھېسابلىنىدۇ».

گېزىتنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرىدىكى يىغىننىڭ رىياسەتچىسى دوكتور مايكىل كلارك ئەپەندى بولسا گېزىتكە قىلغان سۆزىدە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ «خىتاي دېگەن بىر پارتىيىلىك دۆلەت، ئۇلار ئۈچۈن بۆلگۈنچىلىك بىلەن تېررورلۇق ئوتتۇرىسىدا رەسمىي پەرق يوق. شۇڭا ئاۋسترالىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر بېسىمدىن كېلىپ چىققان ۋەقەلەر بىلەن ئالدىن پىلانلانغان ھۇجۇملارنى پەرقلەندۈرۈشى كېرەك. بىز ناھايىتى سەزگۈر بولۇشىمىز كېرەك، چۈنكى بۇ يېڭى توقۇنۇش ئەمەس بەلكى ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن بىر توقۇنۇش» دېگەن.

ئۇنداقتا، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلغان ئىدى؟ ئاۋسترالىيە-خىتاي ئارىسىدىكى بۇ يىغىن يېڭى بىر يۈزلىنىشتىن دېرەك بېرەمدۇ؟ بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت بولىدۇ؟ بىز كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىمىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت