ب د ت دىكى يىغىندا «لاگېرلار» مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018-10-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئېچىلغان «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك تەكشۈرۈش» يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 9-ئۆكتەبىر، جەنۋە.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئېچىلغان «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك تەكشۈرۈش» يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 9-ئۆكتەبىر، جەنۋە.
RFA/Ekrem

جەنۋەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا بۈگۈن، 9-ئۆكتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك تەكشۈرۈش» يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن. يىغىندا د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى پىتىر ئىرۋېن ئەپەندى «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئىنسانىي ھوقۇقلىرى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ نۇتقىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي جەھەتتىن قاتتىق دەپسەندە قىلىشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

پىتىر ئىرۋېن سۆزىدە 2013-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت، دىن ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىن قاتتىق باستۇرۇشلارغا، ئاسسىمىلياتسىيە تەھدىتلىرىگە يولۇققانلىقىنى، 2017-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزى نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا مىليونلاپ قامىلىپ، ئېغىر تەقىب ۋە جازالار ئاستىدا ھايات كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ تىپىك بىر ساقچى دۆلىتىگە ئايلانغانلىقى» نى ئاساسىي تېما قىلغان.

ئۇ سۆزىدە يەنە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ سەۋەبتىن 4-ئۆكتەبىر 15 ماددىلىق بىر قارار قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ جىددىي تېما ھالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى، ب د ت نىڭمۇ دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، خىتاينى جازالاش ئۈستىدە قارارلار قوبۇل قىلىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ب د ت دىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خادىملىرى، ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى خادىملىرى، كۆپلىگەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى، تىبەتلىكلەر، خىتاي دېموكراتلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان تىبەت ياشلار ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن مىگمار دولما خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىننىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشىنىشكە پايدىلىق بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇ پ ر تەشكىللىگەن بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا كۆپلەپ دوكلاتلار تەقدىم قىلىندى. دۇنيا جامائىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ھەم تىبەتلىكلەرگە سېلىۋاتقان زۇلۇمى توغرىسىدا ئەتراپلىق چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدى.»

بۇ قېتىمقى يىغىنغا «ئەركىنلىك كارۋىنى» تەشكىللەپ، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ياۋروپا سەپىرى ئۈچۈن فىنلاندىيەدىن يولغا چىققان خالمۇرات ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى يىغىن ھەققىدىكى تەسىراتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت دا بۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە 10 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە مۇھىم سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت