خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» ۋە يېڭى «يىپەك يولى» ئىمپېرىيەسى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-05-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ستىمسون مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى يىپەك يولى ئىمپېرىيىسى» مۇھاكىمە يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2017-يىلى، 26-ماي، ۋاشىنگتون شەھىرى.
ستىمسون مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى يىپەك يولى ئىمپېرىيىسى» مۇھاكىمە يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2017-يىلى، 26-ماي، ۋاشىنگتون شەھىرى.
RFA/Eziz

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ باش بولۇپ ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ تەھلىل ۋە مۇھاكىمىلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقان قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى. بۇ قۇرۇلۇش مۇشۇ تەرىقىدە يولغا قويۇلسا، خىتاي ۋە دۇنيا ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى بەزى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ستىمسون مەركىزى 26-ماي كۈنى بىر قېتىملىق سۆھبەت سورۇنى ھازىرلىدى. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭدىكى مەنپەئەتلەر ھەمدە خەتەرلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

2013-يىلى خىتاي باش بولۇپ ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن «بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» خىتاي بىلەن ياۋرو-ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى خىتاينىڭ دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش، دەپ قارالماقتا. خىتاينىڭ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيانقى ئەڭ زور تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىرىمۇ دەل خىتاينىڭ ئۆتكەن تارىخىي باسقۇچلاردىكىدەك ئاسىيادىكى ھۆكۈمران مەملىكەتكە ئايلىنىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى بولماقتا. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ستىمسون مەركىزىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇزاكىرە ئەنە شۇ مەسىلىلەرگە بېغىشلاندى.

مۇزاكىرىگە ستىمسون مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچى خادىمى يۇن سۇن رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇزاكىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچىلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئاندىن مەزكۇر قۇرۇلۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە سۆز باشلاشنى توم مىللېرغا ھاۋالە قىلدى.

سىياسىي ئانالىزچى توم مىللېر يېقىندا نەشر قىلىنغان «خىتاينىڭ ئاسىيا چۈشى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى بولۇپ، ئۇ ئالدى بىلەن سۆزىنى ئىككى ھەپتە ئىلگىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «بىر بەلۋاغ، بىر يول مۇنبىرى» دىن باشلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، شۇ قېتىمقى يىغىنغا كەلگەن مەملىكەتلەرنىڭ ئىسىملىكىدىن قارىغاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ياردىمىگە موھتاج بولۇۋاتقان دۆلەتلەر ئىكەن. خىتاينىڭ ئۆزى بولسا ئىزچىل ھالدا قەدىمكى «يىپەك يولى» نى بويلىغان دائىرىدە ئۆزىنىڭ يېڭىۋاشتىن «قەد كۆتۈرۈشى» نى ئارزۇ قىلىدىكەن. توم مىللىر بۇنى «خىتاي چۈشى» دەپ ئاتىدى ھەمدە بۇنىڭ شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر شوئار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچلۇق مەزمۇن خىتاينىڭ ھۆكۈمران كۈچ بولۇش ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى تارىختىكى سەلتەنەتىنى قايتا جەۋلان قىلدۇرۇش ئىكەن. خىتاي دۆلىتى تارىختىن بۇيان ئۆزلىرىنى دۇنيانىڭ مەركىزى، ئەتراپىدىكى باشقا قوشنا دۆلەتلەرنى ياۋايىلار ماكانى، دەپ قاراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىدا خىتاينىڭ ئۇلارغا يېتەكچى بولۇشى زاماننىڭ تەخىرسىزلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما 1839-يىلىدىكى «ئەپيۈن ئۇرۇشى» دىن كېيىن ياۋروپا ئەللىرى ۋە خىتاينىڭ بىقىنىدىكى قوشنىسى بولغان ياپونىيە دۆلىتىنىڭ كېيىنكى ئىستېلاسى خىتاينىڭ بۇ خىل يېتەكچىلىك ئورنىغا ئېغىر خىرىس ۋە كرىزىس ئېلىپ كەلگەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي دۆلىتى دۇنياغا كەلگەندە ئۇلار «قوزغال، قوزغال» دېگەن مارشنى ئۆزلىرىگە يېتەكچى قىلىشنى ئۇنتۇمىغان. شى جىنپىڭ بولسا مۇشۇ باش يېتەكچى ئىدىيىگە ئاساسەن ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تاشقى سىياسىتىگە بىر يېڭى ئەندىزىنى قوشۇشقا كۈچىمەكتە ئىكەن. بۇنىڭ يادروسى بولسا «خىتاي يېتەكچى» دېگەن ھالەتنى يېڭىۋاشتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە خىتاينى ئاسىيادىكى «يولباشچى»غا ئايلاندۇرۇش ئىكەن. شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى غەرب دۇنياسىدا قانداق رول ئوينىغان بولسا، خىتاينى ئاسىيادا شۇنداق رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش نىشان قىلىنىدىكەن.

توم مىللېرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» باشلانغاندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى تەسىرىنى سىقىپ چىقىرىشقا زور كۈچ چىقارماقتا ئىكەن. خىتاي دەرۋەقە بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشى تامامەن مۇمكىن ئىكەن، ئەمما خىتاينىڭ ھازىرقى ھەربىي قۇۋۋىتى ئاسىيانى ھەربىي كۈچ بىلەن بويسۇندۇرۇشقا ئاجىز كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي بۇ خىل «قاتتىق» ئۇسۇلنىڭ ئورنىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىكى «يۇمشاق» ۋاسىتىنى تاللىغان ھەمدە بۇنى «بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» دېگەن نام بىلەن بېزەپ كۆرسەتكەن.

ئۇنىڭ پىكرىچە، غايەت زور سوممىلىق ۋە كەڭ دائىرىلىك بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئەينەن تەسۋىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىمۇ ئېنىق دەپ بېرەلمەيدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىقتىسادىي نىشاندىن كۆرە سىياسىي مەقسەتنى كۆزلەش خاھىشى بەكرەك ئاشكارا ئىكەن. بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك ھۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى، تاشيول، تۆمۈريول ۋە باشقا ئۇچۇر يوللىرى ئارقىلىق قەدىمكى «يىپەك يولى» ئەندىزىسىدە سىياسىي ھۆكۈمرانلىق «ئىمپېرىيە» سىنى ئورنىتىشتا بۇنىڭغا لازىملىق ئىقتىسادىي مەنبەدىن باشقا يەنە بىرمۇنچە خەتەرلىك ئامىللار مەۋجۇت ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق بىرى، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدا باش كۆتۈرۈۋاتقان «ئىسلام ۋە تېررورلۇق» تېمىسىدىكى مەسىلىلەر بولۇپ، پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىغا قەدەر سوزۇلغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» نى خىتاينىڭ مۇشۇ ساھەدىكى ئەندىشىلىرىنى پاكىستاننىڭ قولى ئارقىلىق خالاس قىلىش ھەرىكىتى، دەپ چۈشىنىشكە بولىدىكەن.

خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قارىتا ئۇنىڭغا قوشنا بولغان دۆلەتلەرنىڭ قانداق ئىنكاستا ئىكەنلىكىگە دائىر مەسىلىلەر ئۈچۈن مۇزاكىرە ئىشتىراكچىلىرىدىن برايىن ئېيلېر ئۆز پىكرىنى شەرھلەپ ئۆتتى. ستىمسون مەركىزىدە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى مەسىلىلىرى بويىچە مۇتەخەسسىس بولۇپ ئىشلەۋاتقان برايىن ئېيلېر خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئەڭ زور مەبلەغ سالغۇچى بولغان ئامېرىكا بىلەن بەسلىشىپ، تېزدىن مەزكۇر رايوندىكى ئەڭ چوڭ «سودىگەر» بولۇۋالغانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىياغا بۇنچە كۆپ مەبلەغ چىقىرىشىنىڭ بىر سەۋەبى مۇشۇ رايوندىكى نېفىت ئىمپورت يولى ۋە تاۋار ئېكسپورت لىنىيەسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ كامبودژا، بىرما قاتارلىقلار ئوڭايلا خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالماقتا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ مەملىكەتلەردىكى پۇقرالاردا «خىتاي بىز ئۈچۈن ياخشى بولغان ئىشنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلارنى قىلىدۇ» دەيدىغان قاراش ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەن. رېئاللىقمۇ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزىگە يارىشا نېسىۋە ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتسىمۇ، ئەڭ زور پايدا ئېلىۋاتقىنى يەنىلا خىتاي ئىكەن.

خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى قوشنىلىرىدىن ھىندىستان ۋە پاكىستانغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ستىمسون مەركىزىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە دائىر مەسىلىلەر بويىچە مۇتەخەسسىسى دوكتور سامېر لالۋانى مەلۇماتلار بەردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ قوشنىسى بولغان ھىندىستان بىر ياقتىن خىتاينىڭ بۇنچە زور مىقداردىكى مەبلەغ سېلىنمىسىنى «بىر تۈرلۈك خەتەر» دەپ قارىسا، يەنە بىر ياقتىن بۇنى « خىتاي ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ» دەپ قارايدىكەن. بۇ جەھەتتە ھىندىستاننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشتەك پەۋقۇلئاددە ئورنى ھەمدە ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى خىتاينى ھىندىستان بىلەن يامانلىشىپ قېلىشتىن چەكلەپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدىكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئىلاجسىز ئۆزىنىڭ سىياسىي تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا يۈزلىنىدىكەن. ئەمما، رۇسىيە ھەرقاچان خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تەسىر كېڭەيتىش ھەرىكىتىنى چەكلەشكە مايىل بولۇپ، بۇ خىل چەكلەشكە تولۇق قادىر ئىكەن. بۇ ئەھۋاللار ھازىر يۈز بەرمىگەن تەقدىردىمۇ كەلگۈسىدە جەزمەن ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىماللىقى بار ئىشلار ئىكەن.

مۇزاكىرىدىن كېيىن مۇتەخەسسىسلەر يىغىنغا كەلگەنلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. مۇتەخەسسىسلەر ئون بەش مىنۇتلۇق سوئال-جاۋاب ئارقىلىق مۇزاكىرىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا مەسىلىلەرنى تېگىشلىك دەرىجىدە يورۇتۇپ بەردى.

يىغىن ئاخىرىدا، مۇزاكىرە ئىشتىراكچىلىرىدىن توم مىللېر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، بىر قىسىم ئالىملارنىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇشنى «بارسا كەلمەس يول» دەپ تەسۋىرلىشىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، بۇنىڭدا ئىككى تەرەپلىمە ئەھۋالنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھەرقاچان ھەممىلا تەرەپ مەنپەئەت ئالسۇن، دېگەن نىشان بويىچە ئىش كۆرۈۋاتىدۇ، بۇنىڭدا باشقىلارغىمۇ ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پرىنسىپى بويىچە نەپ بېرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، بىر قىسىم تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەر قۇرۇلۇشقا مەبلىغى يوق، ھۇل مۇئەسسەلەرنى لايىھىلەشكە ئىنژېنېر كۈچى يوق ئەھۋالدا خىتاي بۇ ئامىللارنى تەمىنلەپ بېرىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا بۇنىڭدا يەنە ئۆزىگە يارىشا خەتەرلەرمۇ مەۋجۇت. بۇ ئەلۋەتتە خىتاينىڭ نېمىگە بەكرەك قىزىقىدىغانلىقىغا قاراپ بولىدۇ. خىتاي ھەرقاچان ئالدى بىلەن ئۆز شىركەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىشىدۇ، بۇنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. ئەمما بۇنىڭ "بارسا كەلمەس يول" بولۇش ياكى بولماسلىقى شۇ دۆلەتنىڭ غايەت زور سوممىلىق بۇ ياردەم قەرزىنى قايتۇرۇشتا قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىشىگە باغلىق، دەپ قارايمەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» جىددىي ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خىتاي ئۈچۈن قانداق مەنپەئەت ۋە خەتەرلەرنى ئېلىپ كېلىشى ھەققىدە خىلمۇ-خىل ئانالىزلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت