دوكتور دەيمون «خىتايدا ئاساسلىق ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ مەجبۇرىي ئورگان يۆتكەش قۇربانى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015-04-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق مۇھاكىمىسىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان «ئادەم ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە قارشى خەلقئارا دوختۇرلار تەشكىلاتى» نىڭ باياناتچىسىDr. Damon Noto ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2015-يىلى 28-ئاپرېل، ۋاشىنگتون.
خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق مۇھاكىمىسىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان «ئادەم ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە قارشى خەلقئارا دوختۇرلار تەشكىلاتى» نىڭ باياناتچىسىDr. Damon Noto ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2015-يىلى 28-ئاپرېل، ۋاشىنگتون.
RFA/Gulchehre

خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق مۇھاكىمىسىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان «ئادەم ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە قارشى خەلقئارا دوختۇرلار تەشكىلاتى» نىڭ باياناتچىسى Dr. Damon Noto ئەپەندى، خىتايدا ئادەم ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي ئېلىپ يۆتكەش مەسىلىسىنىڭ خەتەرلىك بىر مەسىلە ئىكەنلىكى ھەققىدە دوكلات بەردى. يىغىنغا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قىزىقىدىغان ۋە بۇ ھەقتە خىزمەت قىلىۋاتقان تەشكىلات، ئورگانلاردىن ۋە ھەرقايسى ئاخبارات ئورگانلىرىدىن 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

دوكتور دەيمون دوكلاتىدا خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي ئېلىپ يۆتكەشتەك تېببىي ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ بۇ مەسىلىنىڭ 1990-يىللاردىلا خەلقئارادا ئەندىشە قوزغاشقا باشلىغان بولسىمۇ، خىتاي بۇنى ئىنكار قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما پەقەت بۇ ھەقتە رەسمىي ئىسپاتلىق ماتېرىيالنىڭ 2001 يىلى خىتايدىكى بۇ خىل مەشغۇلاتقا قاتناشقان دوختۇر ۋاڭنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئىسپات بېرىشى بىلەن خىتاينىڭ مەزكۇر مەسىلىنى ئىنكار قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى قالمىغانلىقىنى، خىتايدىكى مەركىزى تېلېۋىزىيەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، خىتاي ئادەم ئورگانلىرى ئىئانە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇڭ جېفۇنىڭ «2015-يىلدىن باشلاپ جۇڭگودا ئىچكى ئەزالار كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدە، ئىئانە قىلىنغان ئادەم ئورگانلىرى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. 2009-يىلدىن ئىلگىرىكى يىللاردا بۇ خىل ئىئانە قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلمىغىنى ئۈچۈن، بۇ خىل ئوپېراتسىيىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرى ئىشلىتىلەتتى» دېگەنلىكىدەك مىسال بىلەن كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە، ھازىر خىتايدا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان مەھبۇسلار ۋە ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىپ كۆچۈرۈشنىڭ، نورمال بىر مەشغۇلاتقا ئايلانغاندىن باشقا، خىتايغا يىلىغا مىليارد دوللار ئېلىپ كېلىدىغان خەلقئارالىق بىر سودىغا ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان بۇ ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ 15 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ گرافىكىلىق سىتاتېستىكىلاردىن مۇنداق مىسال كەلتۈردى:
-خىتاي دائىرىلىرى 2012-يىلى دۇنياغا، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغانلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئىشلىتىشنى كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە بىكار قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى. شۇنداقلا بۇ بوشلۇقنى ئورگان ئىئانە قىلىش ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى ئارقىلىق تولدۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكىدا يىلدا ئىئانە قىلغۇچىلار يۈز مىڭ، يۈز ئەللىك مىڭ ئەتراپىدا، ئەمما خىتايدا بۇلتۇر بىر يىلدا ئىئانە قىلىشقا تىزىملاتقانلار 100 گىمۇ يەتمىگەن يەنى ئۆز ئورگان ياكى جەسىتىنى ئىئانە قىلىشتەك ئىنسانپەرۋەرلىك ئېڭى خىتايدا يەنىلا ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن. ئەمما يېقىنقى يىللاردا خىتايدا ھەر يىلى يۈز مىڭلاپ ئورگان يۆتكەش ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ نۇقتا بىزگە تەبىئىي ھالدا ئەمىسە بۇ ئورگانلار نەدىن كەلدى دېگەن سوئالنى تاشلايدۇ. بۇ يەنە خىتايدىكى ئورگان ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆز جېنىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنىڭ يولى يەنىلا قانۇنسىز ئورگان سودىسى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

خىتاينىڭ مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش مەسىلىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشقا باشلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى 2013‏-يىلى قارار چىقىرىپ، خىتايدىن مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى ئېلىۋېلىشقا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

يەنى خىتاي 2010-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 100 مىڭ قېتىم ئورگان يۆتكەش ئوپېراتسىيىسى قىلىشتەك ساننى ساقلاپ كەلمەكتە.

دوكتور دەيمون سۆزىدە يەنە، ئامېرىكا، كاناداغا ئوخشاش ئەللەردە ئورگان يۆتكەش ئوپېراتسىيىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئورگان ئىئانىسىگە تايىنىدىغان بولغاچقا ئورگان يۆتكەشكە ئېھتىياجلىق بىمارلار ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر نەچچە ئايدىن 3 يىلغا قەدەر ساقلاشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى، ھەيران قالارلىقى خىتايدا بولسا بىر ھەپتە ياكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا مۇمكىنلىكىنى خىتاي دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشلىرى، ئېلانلىرىدىن مىسال كۆرسىتىپ ئۆتتى. بۇنىڭدا تيەنجىن، شاڭخەي شەھەرلىرىدىكى بىر قىسىم داڭلىق دوختۇرخانىلارنىڭ «جۇڭگوغا كېلىپ ئورگان ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا ئاز چىقىم، ئاز ۋاقىت كېتىدۇ، پەقەت ھەپتە ئىچىدىلا ھاياتىڭىزنى قۇتقۇزىمىز» دېگەن ئېلانلار، ھەتتا 60 مىڭ دوللارغا بۆرەك، 80 مىڭغا جىگەر، 150 مىڭغا يۈرەك يۆتكەيمىز دەپ، ئادەم ئورگانلىرىنىڭ باھاسىنى ئېنىق يېزىپ قويۇلغانلىقى كۆرسىتىلدى.

دوكتور دەمون يەنە مۇنداق دېدى:
-يەنە بىر مەسىلە، ھەر قانداق بىر ئادەم ئورگان يۆتكەشكە كاندىدات بولالمايدۇ. بۇ دېگەنلىك خىتايدا بىر يىلدا 10مىڭ ئادەم ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان بولسا، بۇ ئون ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورگىنىنى ئىشلىتىش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئىنسان ئورنىنى يۆتكەش ئۈچۈن قان، گېن تىپلىرىنىڭ ماسلاشمىسى، ئۆلگەن كىشىنىڭ ئورگىنى 7، 8 سائەتكىچە چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە، نۇرغۇن شەرتلەر ئاستىدا يۇقىرى تېخنىكىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئوپېراتسىيە، دوختۇرلارنى چۈچۈتىدىغان بىر مەسىلە.

دوكتور دەيمون سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى يۆتكەش مەسىلىسىدە، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى مىسالغا ئالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئورگان سودىسىنىڭ ئاساسلىق قۇربانى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالغاندا، «كانادالىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئېتان گۇتماننىڭ، ‹قەتلىئام› ناملىق كىتابىدا خىتايدا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىپ كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدا باشلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر سىياسىي، دىنىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىش 1997‏-يىلى 5‏-فېۋرال «غۇلجا ۋەقەسى» دە يۇقىرى پەللىگە چىققان» دەپ قىستۇرۇپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە، مەزكۇر كىتابنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتىنى ئىسپاتلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. «ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرى ۋە جەسىتىدىن پايدىلىنىش بەلگىلىمىسى» خىتايدا 1984-يىلى بەلگىلىنىپ يولغا قويۇلغان ئىدى. ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلار ئىچىدە ئىزچىل يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەپ كەلگەنلىكىدە گۇمان يوق دەپ تەكىتلىدى.

دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا خىتايدا ئورگان كۆچۈرۈش تىجارىتى تەپتىش، سوت، دوختۇرخانا، ئەدلىيە ۋە ھەربىيلەر ئارىلاشقان زور تورسىمان تىجارەتكە ئايلانغانلىقىنى شۇڭا، ئۇنىڭ دەرھال توختىتىلىشى ئىنتايىن مۈشكۈل بىر مەسىلە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن دوكتور در.دامون ئەمما «خىتاينىڭ، ئۇيغۇرلار، فالۇنگۇڭچىلار، ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ كۆچۈرۈش قىلمىشىنى پۈتۈنلەي توختىغانغا قەدەر، خىتاينىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش پائالىيىتىنى قوللىماسلىق ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بىرلىكتە پۈتۈن كۈچىمىز ھەرىكەت قىلىش ھەممىمىزنىڭ بۇرچىمىز» دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.

مۇلاھىزىنىڭ دوكلات قىسمى تۈگىگەندىن كېيىن، ئەركىن سوئال-جاۋاب ۋە مۇنازىرە قىسمى باشلاندى. بۇ قىسىمدا قاتناشقۇچىلار بۇ مەسىلىنىڭ چوقۇم جىددىي ھالدا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتنى خىتايدا ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىشنى قانۇن چىقىرىپ چەكلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە ئۈندەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرۈشتى.

مەزكۇر مۇھاكىمىگە قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، «خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرىنى يۆتكەش مەسىلىنىڭ ھەممە كۆڭۈل بولىدىغان زور مەسىلە بولۇش بىلەن تەڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلىدە نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ، ئۇيغۇر داۋاسىنى يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە ئاڭلىتىشتا ئەھمىيىتى بار» دېدى.

دوكلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور دەيمون «ئۇيغۇر ئېلى سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى ھەممىدىن كۆپ ئىجرا قىلىنىدىغان بىر جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن خىتايدىكى ئادەم ئورگىنى ئەتكەسچىلىكى ئەڭ ئېغىر جاي بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا. ئەمما بۇ مەسىلىنى خەلقئاراغا يەنىمۇ ئىسپاتلىق تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئىسپاتلىق ماتېرىياللارغا ئېھتىياجمىز» دېدى.

ئۇ يەنە كېلەر ئايدا مەخسۇس «دەيۋىتس ۋە كالايېۋ» ناملىق بىر مەخسۇس خىتايدىكى ئورگان يۆتكەش مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ قويۇلۇشقا باشلايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ «مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم دۇنيا جامائەتچىلىكىگە كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، قانۇنسىز مەجبۇرىي ئورگان يۆتكەشنىڭ خىتايدا 15 يىلدىن بۇيان قايسى دەرىجىدە ئېغىرلاپ خەتەرلىك مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئاشكارىلاپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدا ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بولۇۋاتقانلىقىغا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت