رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ۋەكىللىرى توكيوغا يېتىپ كەلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015-01-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ۋەكىللىرى نارىتا ئايرودرومدا ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ ۋە شۇنداقلا گېزىت-ژۇرناللارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. 2015-يىلى 28-يانۋار، توكيو.
رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ۋەكىللىرى نارىتا ئايرودرومدا ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ ۋە شۇنداقلا گېزىت-ژۇرناللارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. 2015-يىلى 28-يانۋار، توكيو.
RFA/Qutluq

28-يانۋار چۈشتىن كېيىن ياپونىيە ۋاقتى سائەت 3:00 دە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم توكيودىكى نارىتا ئايرودرومىغا يېتىپ كېلىپ كۆپلىگەن ياپون ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

رابىيە قادىر خانىم ئايرودرومدا ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ ۋە شۇنداقلا گېزىت-ژۇرناللارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ ياپونىيەدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

رابىيە قادىر خانىم ئايرودرومنىڭ ئالاھىدە كۈتۈۋېلىش ئۆيىدە بىرئاز دەم ئالغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك قاتارلىق ئۇيغۇرلار ۋە بىر قىسىم ياپونلارنىڭ ھەمراھلىقىدا 2011-يىلى 11-مارتتا ياپونىيەدە يۈز بەرگەن دېڭىز تاشقىنى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقلەردىن ھال سوراش ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىش مەقسىتىدە فۇكۇشىما ۋىلايىتىگە يۈرۈپ كەتتى.

دىققىتىڭلار، رابىيە قادىر خانىم بىلەن توكيو نارىتا ئايرودرومىدا ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت