خىتاينىڭ ھىندىستاندىكى چاغانلىق سەنئەت مەرىكىسىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2017-01-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن چاغاننى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىدە. 2017-يىلى 20-يانۋار، ھىندىستان.
ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن چاغاننى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىدە. 2017-يىلى 20-يانۋار، ھىندىستان.
RFA/Qutluq

ھىندىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە: 18-يانۋار پايتەخت يېڭى دېھلىدىكى «كامانى» تىياتىرخانىسىدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «2017-يىللىق باھار بايرىمى شادلىقى» سەنئەت مەرىكىسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ سەنئەتچىلىرى مەخسۇس ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇللىرىنى ئورۇنلاپ كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

خەۋەردە ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچىسى ليۇ جاۋخۇينىڭ باھار بايرىمى شادلىقى مەرىكىسىدە قىلغان سۆزىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە: «خىتاينىڭ باھار بايرىمى خىتاي تارىخىدىكى قەدىمىي ئەنئەنىۋى بۈيۈك بايراملاردىن بىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، بۇ بايرامنىڭ كۆپلىگەن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە مۇجەسسەملەش بىلەن بىرگە، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى نامايان قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئۇ يەنە «ھىندىستان خەلقىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سەنئەتچىلىرىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى چۈشىنىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.

باش ئەلچى ليۇ جاۋخۇي سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ چۈشەندۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى باھار بايرىمى شادلىقى سەنئەت مەرىكىسىگە ھىندىستان پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىمۇ قاتناشقان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد خەمىت خىتاينىڭ ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرىنى ھىندىستاندا ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تەشۋىقات پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ ھەقتە توختالدى.

بېيجىڭدىكى خىتاي خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ تور بېتىدىكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە: «18-يانۋار خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى سەنئەتچىلىرىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىشى ئاساسىدا 2017-يىللىق باھار بايرىمى شادلىقى مەرىكىسى ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدىكى "كامانى تىياتىرخانىسى" دا ئۆتكۈزۈلدى. ھىندىستاندىكى خىتاي باش ئەلچىسى ليۇ جاۋخۇي مەرىكىدە سۆز قىلدى. پائالىيەتكە ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي دىپلوماتلىرى ۋە ھىندىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 800 گە يېقىن كىشى قاتناشتى» دېيىلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، باش ئەلچى ليۇ جاۋخۇي 2017-يىللىق باھار بايرىمى شادلىقى مەرىكىسىدە سۆز قىلىپ: «ھىندىستان كۆپ مىللەتلىك ۋە كۆپ مەدەنىيەتلىك چوڭ بىر دۆلەت، ھىندىستان خەلقى بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون سەنئەتچىلىرىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق خىتاي دۆلىتىنىڭ بۈيۈكلۈكىنى ۋە خىتايدىكى كۆپ مەدەنىيەتلەرنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ» دېگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرى 2017-يىللىق باھار بايرىمى شادلىقى سەنئەت مەرىكىسىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ناخشا-ئۇسسۇللۇق نومۇر «بايرام شادلىقى» نى ئورۇنلاپ كەڭ تاماشىبىنلارنى ھاياجانغا سالغان ۋە ھىندىستان خەلق ناخشىلىرىنى ھىندى ۋە ئوردۇ تىللىرىدا ئورۇنلاپ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن 2017-يىللىق باھار بايرىمى شادلىقى سەنئەت مەرىكىسىدە يەنە «دولان مەشرىپى»مۇ ئورۇنلانغان شۇنداقلا ئۇيغۇر سېرىكچىلىرىمۇ ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىم «باھار بايرىمى شادلىقى مەرىكىسى»دە يەنە رەسىم كۆرگەزمىسى كۆرسىتىلىش بىلەن بىرگە ھىندىستاننىڭ ھەيدەراباد ئۆلكىسىدە «خىتاي كىنو فېستىۋالى» مۇ ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاينىڭ يېڭى دېھلىدىكى ئەلچىخانىسى تور بېتىنىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ سەنئەتچىلىرى 20-يانۋار يېڭى دېھلىدا خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ھىندىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرى، خىتاي مۇھاجىرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 2017-يىللىق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىدىمۇ ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇللىرىنى ئورۇنلىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى خىتاينىڭ ھىندىستاندا ئۆتكۈزگەن 2017-يىللىق باھار بايرىمى شادلىقى مەرىكىسىگە ۋە شۇ يەردىكى خىتايلارنىڭ چاغانلىق پائالىيەتلىرىگە ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرىنىڭ قاتنىشى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىدى قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە يەنە 22-يانۋار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون سەنئەتچىلىرى ھىندىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھىندىستانغا قوشنا بولغان بۇتان دۆلىتىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ 2017-يىللىق باھار بايرىمى شادلىقى سەنئەت مەرىكىسىگە قاتنىشىپ، ئۆز سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، پائالىيەتكە بۇتان پادىشاھى ۋە خان جەمەتى ئائىلىسى ھەم باش مىنىستىرمۇ ئىشتىراك قىلغان.

ھازىر ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 2017-يىللىق باھار بايرىمى شادلىقى سەنئەت مەرىكىسىگە قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نام شەرىپىنى ۋە ئاۋاز خاتىرىسىنى ئاشكارىلىماسلىقنى جېكىلىگەن ئاساستا ئۆزلىرىنىڭ 28-يانۋار ئۈرۈمچىگە قايتىدىغانلىقىنى ۋە بۇ قېتىمقى ھىندىستان سەپىرىنىڭ ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرى ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق زىيارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت