رابىيە قادىر خانىم: ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر گۇماندارلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-04-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۈچ ئۇيغۇر (سولدىن ئوڭغا) ئەخمەت مەخمۇت، ئالتىنچى بايرام ۋە تۈزەر ئابدۇل باسىت تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا چىققان. 2015-يىلى 13-ئىيۇل، جاكارتا ھىندونېزىيە.
ئۈچ ئۇيغۇر (سولدىن ئوڭغا) ئەخمەت مەخمۇت، ئالتىنچى بايرام ۋە تۈزەر ئابدۇل باسىت تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا چىققان. 2015-يىلى 13-ئىيۇل، جاكارتا ھىندونېزىيە.
AFP

بۈگۈن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ھىندونېزىيە ساقچىلىرىنىڭ 24-ئاپرېل كۈنى يەنە بىر ئۇيغۇر گۇماندارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر گۇماندارلارغا قارىتا ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ، ھىندونېزىيەنىڭ نۆۋەتتە سوتلىنىۋاتقان 4 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتاينىڭ قايتۇرۇپ ئەكېتىش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ھىندونېزىيەدىكى تېررورلۇق گۇرۇپپىسىغا قېتىلدى دەپ قارالغان 5 ئۇيغۇر گۇماندارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا نۆۋەتتە ئىزدىلىۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇر گۇماندارنى تىرىك قولغا چۈشۈرۈشكە ۋە سوتتا بىر تەرەپ قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

سوئال: بۈگۈن ھىندونېزىيەنىڭ يەنە بىر ئۇيغۇر گۇماندارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر چىقتى، بۇ، مۇشۇنىڭ بىلەن ھىندونېزىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قېتىلدى، دەپ قارالغان 5-ئۇيغۇر گۇماندارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشى، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئىچىدىكى 6- گۇماندارنى ئىزدەۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بار، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 4 ئۇيغۇر گۇماندار ھىندونېزىيەدە سوتلىنىۋاتىدۇ. سىز بۇ ئەھۋاللارغا، جۈملىدىن ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر گۇماندارلارغا قاراتقان مۇئامىلىسىگە قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: مەن ئالدى بىلەن ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تەرەپنىڭ ھىندونېزىيەدىكى 4 ئۇيغۇر مەھبۇس بىلەن بىر خىيانەتچى ئەمەلدارنى ئالماشتۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىغا، بۇ ئارقىلىق 4 ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىنى ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرغىنىغا ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تۈنۈگۈن ھىندونېزىيەدىكى تېررورلۇق گۇرۇپپىسىغا قېتىلىپ قالغان يەنە بىر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگىنىگە، بۇنىڭ بىلەن بەش ئۇيغۇر گۇماندارنىڭ ھىندونېزىيە ساقچىلىرىنىڭ قولىدا ئۆلگەنلىكىگە ئەپسۇسلانغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن ۋە قېچىپ يۈرۈۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇر گۇماندارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۇنى تىرىك قولغا چۈشۈرۈپ، سوتلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلىمەن.

سوئال: ئۇيغۇر گۇماندارلارنىڭ ھىندونېزىيەدىكى بىر تېررورلۇق گۇرۇپپىسىغا قېتىلغانلىقى ۋە قېتىلىشقا ھەرىكەت قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار، بۇ ھەقتە نېمە دەيسىز؟

جاۋاب: ئالدى بىلەن نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك بولغان بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ بۇلار مەزلۇم بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى. ئۇيغۇر مىللىتى بۈگۈن دۇنيادا ئەڭ ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان بىر مىللەت. خىتاينىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلارغا مەلۇم، نۆۋەتتە خىتايدىكى ئەڭ جىددىي، ئەڭ كەسكىن مەسىلە مىللەتلەر مەسىلىسى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى. ئۈرۈمچىدە «2009‏-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولدى، بۇلاردىن 200 نەچچىسىنىڭ ئۆلگىنىنى ۋە مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ كېسىلگەنلىكىنى خىتاي ئۆزى ئېتىراپ قىلدى ۋە ئېلان قىلدى.

2014‏-يىلى يەكەندە « 28‏-ئىيۇل قانلىق باستۇرۇشى ۋەقەسى» يۈز بېرىپ مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەنلىكى، 3 يېزا نوپۇسىنىڭ پۈتۈنلەي قىرىۋېتىلگەنلىكى ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر بولدى، خىتاي بۇ ۋەقەدە «98تېررورچى» نىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. 2014-يىلى 18-سېنتەبىر كۈنى شەرقى تۈركىستاننىڭ بۈگۈر ناھىيىسىدە زۇلۇمغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن 56 ئۇيغۇرنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى خىتاي ئۆزى خەۋەر قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا ئائىلە بويىچە ئوققا تۇتۇلغان، جەمەت بويىچە تۈرمىگە سولانغان يۈزلەرچە پاجىئەنى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر ئارخىپلىرىدىن كۆرەلەيمىز، مانا پاجىئەلەر ئاخبارات ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلىنىۋاتقان خىتايدىن پەقەت ئاشكارىلىنىپ قالغانلىرى.

سوئال: سىز ئۇيغۇر گۇماندارلارنى شۇ ھىندونېزىيەدىكى رادىكال تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى يوق ياكى يوق بولۇشى مۇمكىن دېمەكچىمۇ؟

جاۋاب: دېمەكچى بولغىنىم، بۇ يەردە دۇنيا نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك بولغان بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ بۇلار زۇلۇمدىن قېچىپ چىققانلار، زۇلۇمدىن قاچقاندىمۇ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ چىققانلار. بۇلارنىڭ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارغا يولۇقۇپ قېلىشى، ئۇلارغا ۋاقىتلىق تايىنىپ قېلىشى، ھەتتا باغلىنىپ قېلىشى چۈشىنىشكە بولىدىغان ئەھۋاللار.

سوئال: يەنى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىغا قېتىلىپ قالغان ئۇيغۇر گۇماندارلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك دېمەكچىسىز؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە شۇنداق، ئۇلار پەقەت زۇلۇمدىن قاچقانلار. شۇڭا بۇ ئۇيغۇر گۇماندارلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۇلار چېتىلىپ قالغان گۇرۇپپىدىكى گۇماندارلاردىن پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك، بۇ بىر ئىنساندارچىلىق مەسىلىسى، بىر ھەققانىيەتچىلىك مەسىلىسى ۋە ئادالەتپەرۋەرلىك مەسىلىسىدۇر.

سوئال: «ئۇيغۇر گۇماندارلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك» دېگەن تەلىپىڭىزنى يەنىمۇ كونكرېتراق ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟

جاۋاب: چوقۇم تىرىك قولغا چۈشۈرۈلۈشى، تۇتۇلغان دۆلەت ياكى ئۈچىنچى بىر دۆلەتتە سوتقا تارتىلىشى، سوتلانغاندا ئۇلارنى ئەنە شۇ رادىكال گۇرۇپپىلارغا چېتىلىشقا سەۋەب بولغان ئامىللار، شارائىتلار ئېنىقلىنىشى، ھۆكۈم چىقىرىشتا ئاساسلىنىشى كېرەك. بۇ جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىنى ئېچىپ گۇماندارلارنى تەكشۈرۈش-سوراق قىلىش تەجرىبىسىنى ئۈلگە ئېلىشقا بولىدۇكى، خىتاينىڭ نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلاش ۋەھشىيلىكىنى ئۈلگە ئالماسلىق كېرەك.

سوئال: بۇ مەسىلىگە قارىتا ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ جامائەت پىكرى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ بۇنىڭغا دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟

جاۋاب: ئۈرۈمچىدە «2009‏-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بەرگەندە بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ قىلىنغان تۇنجى نامايىش ھىندونېزىيەدە بولغان، بىز ھىندونېزىيە خەلقىگە ئىشىنىمىز، ھىندونېزىيە سوتىنىڭمۇ ئادالىتىدىن گۇمان قىلمايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن 4 ئۇيغۇر گۇماندار سوتلانغاندا پوزىتسىيە بىلدۈرمىدۇق، دەسلەپكى ئىككى ئۇيغۇر ئېتىۋېتىلگەندىمۇ ئىنكاس قايتۇرمىدۇق، تۈنۈگۈن 5-ئۇيغۇرنىڭ ئېتىلىشى ۋە يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىزدىلىۋاتقانلىقى مېنى ئېچىندۇردى، ئازابلىدى ۋە بۇ مۇراجىئەتنى يېزىشقا مەجبۇرلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت