تور ساقچىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان يانفون ئىشلەتكۈچىلەر دەككە-دۈككىدە قالغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-11-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم يانفون ئىگىلىرى تور ساقچىلىرىدىن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالغان. 2015-يىلى نويابىر.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم يانفون ئىگىلىرى تور ساقچىلىرىدىن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالغان. 2015-يىلى نويابىر.
AFP

ئۆتكەن ھەپتە پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن خىتاي تور ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ۋە ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەرگە بولغان كونتروللۇقىنىڭ ھەسسىلەپ كۈچەيگەنلىكى مەلۇم.

خەۋەر تېپىشىمىزچە، 11-ئاينىڭ دەسلەپكى ھەپتىسىدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەركىزىي شەھىرى ئۈرۈمچى ھەمدە باشقا ۋىلايەت،ناھىيەلەردىكى بىر قىسىم يانفون ئىگىلىرى تور ساقچىلىرىدىن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالغان.

مەزكۇر تېكىست ئۇچۇرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ساقچى شۇنى ئالاھىدە ئۇقتۇرىدۇكى، يانفون مۇلازىمىتىڭىز قانۇن بويىچە توختىتىپ قويۇلدى. ساقچىخانا بىلەن دەرھال ئالاقىلىشىڭ!»

«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» مۇ ئالدىنقى كۈنى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، ئۈرۈمچىدىكى نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق بۇ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

بىز بۇ ھەقتە رايوندىكى ئۇيغۇر يانفون ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئىنكاسىنى بىلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلدۇق. ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە مال يۆتكەپ ساتىدىغان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى ئۆزىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ساقچىدىن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، دەككە-دۈككە ئىچىدە تېلېگراف باش شىركىتىگە بارغىنىدا مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كىملىك ئۇچۇرلىرىنى قايتا تىزىملىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئىككى يانفونى بارلىقىنى، بىرىنى خوتەندە ئۆز كىملىكى بىلەن بېجىرگەنلىكىنى، يەنە بىرىنى ئۈرۈمچىدىكى مال بىلەن تەمىنلەيدىغان خىتاي سودىگەرنىڭ ئۆز نامى بىلەن بېجىرىپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىشلىتىدىغان يانفونى يېقىندا تۇيۇقسىز توختاپ قالغان.ساقچىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇ تېلېگراف باش شىركىتىگە بارغىنىدا ئىككىنچى يانفونىنى ئۆز كىملىكى بىلەن تىزىملىتىشقا بۇيرۇلغان.

ئۇ يەنە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر خادىملارنىڭمۇ يېقىندىن بۇيان دەككە-دۈككىدە قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تامغا باستۇرۇش ئۈچۈن يېقىندا بىر ئىدارىگە بارغىنىدا ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر خادىملارنىڭ يانفونىدىكى ئۇچۇرلارنى يۇيۇپ-ئۆچۈرۈش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىنىڭ باشقا جايلىرىغىمۇ تېلېفون قىلدۇق.

ئاقسۇنىڭ مەلۇم ناھىيەسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال تېلېفون سەۋەبلىك كۆپ كىشىلەرنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ تېلېفون ئىشلەتكۈچىلەرگە يېڭىدىن بىر تۇتاش سىمكارت تارقىتىپ بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاۋات ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىغا خىزمەت گۇرۇپپىسى بولۇپ چۈشكەن بىر مۇقىملىق كادىرىمۇ ئىككى ھەپتە ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ تېلېفون سەۋەبلىك ئوقۇش يېشىدىكى 3 بالىنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارا قىلغان ئىدى.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا، ساقچىلار بىلەن مۇقىملىق كادىرلىرىنىڭ قەرەلسىز ھالدا ياشلارنىڭ يانفونلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ يېقىندىن بۇيان يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقىسى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىنتايىن قىيىن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت