خىتاي دائىرىلىرى ئىستېپا بەرگەن ئۇيغۇر كادىرلارنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017-02-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ساقچى قۇربانجان ھەبىبۇللانىڭ تاراتقۇلاردا تارقىلىپ يۈرگەن خىزمەت ئىستېپاسى.
ساقچى قۇربانجان ھەبىبۇللانىڭ تاراتقۇلاردا تارقىلىپ يۈرگەن خىزمەت ئىستېپاسى.
Social Media

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولغان چېن چۈەنگو نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا پارتىيە ئىنتىزامىنى ۋە كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاشنى قاتتىق تەكىتلەپ، ئۇنى مۇقىملىقنىڭ كاپالىتى دەپ كۆرسەتمەكتە. 11-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ 2016-يىللىق تەپتىش خىزمىتى خۇلاسە يىغىنىدىمۇ، ئۇ پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا، ئۆزىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ «ئايرىم جايلاردا بەزى كادىرلارنىڭ باش نىشانغا بولغان تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس، ئىدىيىدە بىخۇد، ئىستىلى تۇراقسىز، كۈرەشتىن بىزار» دېگەن ئىدى.

ئىنكاسلاردىن جاي ‏-جايلاردا كۆتۈرۈلگەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇر كادىرلار، مەمۇرلار ئاساسلىق تەكشۈرۈش نىشانىغا ئايلانغانلىقى، ھەتتا خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلىشنىڭمۇ، كادىرلارنىڭ ئىستىلىدا ئىدىيىسىدە مەسىلە بارلىقىنىڭ، ئىدىيىۋى كۆز قارىشى باش نىشان بىلەن بىردەك بولمىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى، قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

يېقىندا ساياھەت ئۈچۈن چەتئەلگە چىققان، ئۆزىنى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ مەمۇرى دەپ تونۇشتۇرغان بىرىنىڭ، نام شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن رادىيومىزغا مەلۇمات يەتكۈزۈشىچە، يېڭى يىل كىرگەندىن باشلاپ پۈتكۈل ئۇيغۇر رايون تەۋەسىدە ئورۇنلار، تارماقلار ئارقا ‏-ئارقىدىن سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، پارتىيىلىك كادىرلارنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش»مەخسۇس پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاش دېگەن باھانىدە ئۇيغۇر كادىرلار ئۈستىدىن، ماتېرىيال تۇرغۇزۇپ، كادىر، ئىشچى، خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئاساسەن ئۇلارنىڭ، خىزمەت ئىنتىزامىدا چېچىلاڭغۇلۇق بارمۇ ؟ خىزمەت ئۇسۇلى ۋە پوزىتسىيەسىدە بوشاڭلىق بارمۇ؟ مۇقىملىق خىزمىتىدە خىزمەت قىزغىنلىقى سۇسمۇ ۋە خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى شۇنداقلا ئومۇمىيەت ئېڭى ئاجىزمۇ دېگەندەك نۇقتىلاردا ئۆز ‏-ئارا باھالاش، ئايرىم باھالاش، ئۆزىنى تەكشۈرۈپ مەسىلىسىنى پاش قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش، تەلەپچان، راستچىل بولماسلىقتەك ئىستىللارنى قاتتىق تۈزىتىشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەت دولقۇنى قوزغىغان.

بۇ مەمۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئىدىيىۋى كۆز قارىشى باش نىشان بىلەن بىردەك بولمىغانلار ئىدىيىسىنى قەتئىي تۈزىتىش، ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك» دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ تەقىب قىلىش ھەرىكەتلىرىدە يەنە، خىزمەت ۋە سىياسىي بېسىملار سەۋەبلىك نۇرغۇن مەمۇرىي ئورگانلاردىكى ئۇيغۇر كادىرلار ھەتتا، قانۇن، تەپتىش ساھەسىدىكى بەزى ئۇيغۇرلارمۇ بالدۇر دەم ئېلىشقا چىقىشنى تەلەپ قىلغان، بەزىلىرى بىراقلا ئىستېپا بېرىشكە باشلىغان. ئەمما،ئۇيغۇر كادىرلاردا قوزغالغان بۇ خىل خىزمەتتىن بوشىنىش خاھىشى دەرھال دائىرىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە دائىرىلەر تەدبىر قوللىنىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىدارە، ئورگانلارغا ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلغان كادىرلارنىڭ ئىلتىماسىنى ئىستىل تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن كېيىن ئەھۋالغا قاراپ تەستىقلاش ھەققىدە ئىچكى ئۇقتۇرۇش چۆشكەن، بۇ ئىچكى ھۆججەتكە ئاساسەن ئورگانلاردا، يېقىندا ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسى سۇنغان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ئىككى يىلغىچە تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ۋە ئىلتىماسى رەت قىلىنغان. بولۇپمۇ، پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ ئەڭ ئاۋۋال پاسپورتى يىغىۋېلىنغان، قاتتىق تەلەپ بويىچە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە نازارەت قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

چېن چۇەنگونىڭ رايوندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مۇقىملىقنى قوغداش قاتتىق قول سىياسىتى ۋە بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا باشلىغانلىقى مەلۇم.

2016-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەپتىش ئورگانلىرى 835 نەپەر ھۆكۈمەت كادىرنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى يېقىندا ئېلان قىلغان ئىدى شۇنداقلا خەۋەرلەردىن تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ 2017-يىلدىكى ۋەزىپىسىنىڭ، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش» دەپ بەلگىلەنگەنلىكى مەلۇم.

يېقىندا، قەشقەر ۋىلايىتى 20 دىن ئوشۇق ئەمەلدارنى قوش تىل مائارىپى خىزمىتىگە بولغان كۆز قارىشى پارتىيە بىلەن بىردەك ئەمەس، ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلمىدى» دېگەن سەۋەب بولغان ئەمىلىدىن بوشاتقان. قەشقەر ۋىلايىتىدە 37 نەپەر يەرلىك كادىرنىڭ «قوش تىللىق يەسلى» قۇرۇلۇشىدا «مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان» دېگەن قالپاق بىلەن جاۋابكارلىققا تارتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

دائىرىلەر 10-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان ھۆكۈمەت خەۋىرىدىمۇ خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى بىر ئۇيغۇر مائارىپ ئەمەلدارى بىلەن 6 نەپەر ئۇيغۇر ج خ كادىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ۋە نازىرى ساتتار داۋۇت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 نەپەر ئۇيغۇر كادىرنى «خىزمەتتە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، بىپەرۋالىق قىلىش، دىنىي رادىكاللىق ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشتە ئىرادىسى مۇستەھكەم بولماسلىق، ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئارتىپ جازالىغانلىقى مەلۇم.

دائىرىلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان مۇقىملىقنى تەكىتلەپ، قاتتىق باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى ۋە ئۆز سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەردىن بولغان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ساداقىتىنى سىناۋاتقانلىقى ئامېرىكىدىكى بىر سابىق مەھەللە كومىتېت كادىرىنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلاندى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پاسپورت يىغىش ھەرىكىتى باشلايدىغانلىقى خەۋىرىنى ئاڭلاپلا چەتئەلگە چىقىۋالغانلىقىنى ۋە قايتىپ كەتمەسلىك قارارى ئالغانلىقىنى بايان قىلغان بۇ ياش كادىر، ئەسلى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم مەھەللە كومىتېتىنىڭ كادىرى بولۇپ، چەتئەلگە چىقىش ئالدىدا ئىدارىسىدىن يوشۇرۇپ، دوختۇردا داۋالىنىش باھانىسىدە رۇخسەت سوراپ قاچقانلىقىنى بايان قىلدى. لېكىن، ئۇنىڭ قېچىشى نۆۋەتتە ھۆكۈمەت ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاتا ‏-ئانىسىنىڭ ئىستىل تەكشۈرۈشىدىكى بىر ئېغىر مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، دائىرىلەر دادىسىنىڭ مۇددەتتىن بالدۇر دەم ئېلىشقا چىقىش رەسمىيىتىنىمۇ تەستىقلىمىغان، قىزىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە قىستىغان ۋە ئىككى يىل ئىستىل تەكشۈرۈش مۆھلىتى بەرگەن ۋە بۇ جەرياندا مائاشىنىڭمۇ تولۇق بېرىلمەي تۇتۇپ قېلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇ ياش، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي بېسىملىرىدىن قېچىپ قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ئۆزى سەۋەبلىك ئاتا -ئانىسى ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەردىن ئېغىر روھىي بېسىمغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر كادىرلارغا قارىتا زەربە بېرىش دولقۇنى قوزغىشىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەردىن بولغان كادىرلارغا قارىتا بۇ خىل زەربە بېرىش ۋە جازالاش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈشىدىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، چېن چۈەنگونىڭ بۇ خىل تازىلاش ھەرىكىتى ئارقىلىق، رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقى بار، مىللىي ھېسسىياتى بار كادىرلارنى شاللاۋاتقانلىقىنى ۋە مۇقىملىق خىزمىتىدىكى مەغلۇبىيىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى بۇ بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ئارتىپ، ئۇلارنى جازالاش ئارقىلىق، باشقىلارغا ئۆزىگە سادىق بولۇشنى ئاگاھلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىستېپا بەرگەن كادىرلارنى بولسا، ئىككى يىلغىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە ئىچىدىكى كادىرلاردا نارازىلىقىنى ھېچ بولمىغاندا ئىستېپا بېرىش ئارقىلىق ئىپادىلەشتەك بىر دولقۇننىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تېخىمۇ زور قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى مۇلاھىزە قىلدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مۇقىملىقنى قوغداش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچقانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىدە، چېن چۈەنگونىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش ۋە بىڭتۇەننىڭ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مۇھىم ۋەزىپە قىلىشىنى تەكىتلەپ، «ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلار قوشۇنى ئارىسىدا ‹‹سەمىمىي ئادەم بولۇش، سەمىمىي سۆز قىلىش، سەمىمىي ئىش قىلىش›› يۆنىلىشى تۇرغۇزۇپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، كەيپىياتى توغرا بولغان يۆنىلىشنى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.» دېگەن بايانلىرى نەقىل ئېلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (1)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

سەۋدا سەۋدا ئىسىملىك بىر تورداشنىڭ فېسىبوكتىكى ئىنكاسى،
ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

Sawda Sawda
ۋەتەندىن ھىجرەت قىلىپ چىقۋالساق نۇرغۇن مۇجاھىد بىزنى ساقلاۋىتىپتۇ،، بىز چىقساقلا ئۇلار بىز بىلەن بىللە قورال كۆترۈپ كىرمەكچى ئىكەن.
قۇربان ھىيىت نامىزىنى قەشقەر ھىيىتگاھتا ئوقۇماقچى ئىكەن. دىگەن خەۋەر تارقىلىپ مىڭلارچە ئونمىڭلارچە ،، ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ قىرىنداشلار چىكەتكەن ھىجرەتكە،، ساقلىساق خەۋەر يوق ،، يەنە ئادەم چىقسۇن دىگەن گەپ ،، پۇل پۇل پۇل دىگەن گەپ ،، ھە دىدۇق ،، «بىزگە تىلفۇن قىلسۇن، نىمە گەپ؟ قاچان كىرىدىكەن؟» دىسەك، «قوشۇندا تۈزۈم بارئىكەن، تىلفۇن قىلسا بولمايدىكەن» دىگەن گەپ ،، توۋا! پۇل دىسە تىلفۇن ئۇردۇ، سودىغا پۇل كەملەپ قالغان دەپ ،، ئەجىبا بىز مىللەت ئالداندۇقمۇ؟ نىمە دىگلى تۇرغان زاماندا شۇنداق تۇتقۇن قىلغىلى تۇردىكى بۇ خىتاي ،، يا ئاللا ئۆزەڭ كۇپايە قىل دىدۇق ،، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىسىنىڭ بىر يىردە تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇرمۇ 10يىللىقتىن كەم ئەمەس كىسىلىشكە باشلىدى.
ھەم نۇرغۇن قىرىنداشلار كىسىلىپ كەتتى ،، يەنە شۇ ۋاقىتتىمۇ ئۇ ھىجرەت توختىمىدى پۇل يىغلىپ تۇردى.

نىمە ئۈچۈن ۋەتەندە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلمايمىز دەپ سورسام،
خەلىپەمنىڭ بايرىقىنىڭ ئاستىغا يىغلىپ كىرمىسەك جاھىل مۇرتەد بولۇپ قالىمىز دىگەن پەتىۋا كەلدى --- ھە دەپتۇق.
شۇ پەتۋانى بىزنى ئالداپ سۈرگەنلەرگە ئاللاھ كۇپايە.
مىليون ئەتراپىدا قىرىنداشلار تاجاۋۇزچى باندىت خىتاينىڭ تۈرمىسىدە ھەقسىز ئىشلەمچىلىك قىلۋاتىدۇ خىتاي ئۈچۈن ،، بىز فەسبوك ئويناپ تىخى شۇ ئۇيغۇرنى تىللاپ بىلەتچىلىك قىلۋاتىمىز ،،،
ئۇيغۇر بەك ئاقكۆڭۈل ھەم بەك دۆت بولساق كىرەك.

Sawda Sawda
ۋەتەن سىرتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ مۇشۇ بىرە يىلنىڭياقى بىلگەن خەۋەرنىڭ 10%نى بىلگەن بولسام ۋەتەندىن چىقماي ،، ئىشنى ۋەتەندە قىلاتتىم ،، خەلىپەمنى ساقلاپ ئولتامايتىم.
Sawda Sawda
خىتاي ئۆلسە دەۋزەخكە ماڭاتتى ،، مەن ئۆلگەن بولسام جەننەتكە ماڭاتتىم ،، ئەپسۇس شۇنداق بىر كۈن ۋەتەندە نىسىپ بولا دەپ ئارزۇ قىلۋاتىمەن ،، تۈگىگە مىنىپ تۈگە ئىزدەپ ،، تۈگىدىن چۈشۈپ تۈگە ئىزدەپ يۈرۈپتىمەن سەرسانە ھالدا
Sawda Sawda
ھازىر ۋەتەنگە دۇئا قىلىشتىن باشقىغا يارمىدىم،،
Sawda Sawda
ھازىر ئۆزەمنىڭ قىرىنداشلىرىم ئۈچۈن دۇئا قىلىشتىن باشقىغا يارمىدىم
Sawda Sawda
تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ ھىلى مىكرىگە ئاللاھ كۇپايە
Sawda Sawda
ئۇيغۇرنى سىتىپ خەجىلگەنلەرگە ئاللاھ كۇپايە
Sawda Sawda
ۋەتەننى سىتىپ خەجىلىگەنلەرگە ئاللاھ كۇپايە
Sawda Sawda
ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى تول ۋە يىتىملارغا توشتى ،، ھەتتا تاجاۋۇزچى باندىت خىتاي تۈرمىگە كىرىپ قالغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ياردەم قىلىپ ئانچە مۇنچە پۇل بەرگەنلەرنى پايلاپ يۈرۈپ تۇتىۋاتىدۇ
ھازىر ۋەتەندە مۇسۇلمانغا ھىچكىم ياردەم قىلالمايدۇ ھەتتا مەھەللىسىدىكى تول ئىرى تۈرمىدىكى ئايالغا ياردەم قىلىشمۇ خىتاينىڭ قانۇنىغا خىلاپ ،،،سۆزلەپ كەلسەم بۇ تاققۇ تۇققۇ گەپلىرىم جىق ،، ئەمما ھەممەسى راس گەپ
مىنىڭ يۈركۈم شۇنداق بەك ئاغرىدۇ بۇ كۈنلەردە
ناۋادا مىنى بىر ئۇيغۇر قىرىندىشىم دەپ كۆرسىڭىزلا ماڭا بىر دۇئا قىلىپ قويۇڭىزلار
ئاللاھ ھەممىمىزنى بىرلىشىپ ۋەتەنگە قايتىپ تاجاۋۇزچى باندىت بۇلاڭچى خىتاينى قوغلاپ چىقارغىلى نىسىپ قىلسۇن ،، ۋەتەن سىرتىدا تىللىساقمۇ بۇ ئىپلاس خىتايغا گەپ ۋە تىل ئۆتمەيدىكەن

Feb 23, 2017 04:06 AM

تولۇق بەت