قاراماي شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىقى ئاشماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىھسان
2014-11-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قارامايدىكى ئەمگەك بازىرى
قارامايدىكى ئەمگەك بازىرى
RFA/Ihsan


قاراماي شەھىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ نېفىت شەھىرى بولۇپ، 1958 - يىلى 5 - ئاينىڭ 29 - كۇنى رەسمىي شەھەر قىلىپ قۇرۇلغان.

قاراماي شەھىرىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 9252 كۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، 2010 - يىلدىكى نوپۇس سىتاتىستىكىسىدا قاراماي شەھىرىنىڭ نوپۇسى يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن 366 مىڭ دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئومومى نوپۇسى 72مىڭ بولۇپ، بۇ سان ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

قاراماي شەھىرى خىتايدىكى 695 شەھەر ئىچىدە ئىقتىسادى، شەھەر تەرەققىياتى جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردىكى شەھەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

قارامايدىكى ئەمگەك بازىرى
قارامايدىكى ئەمگەك بازىرى Photo: RFA

ئەمما، بۇ شەھەرلەرنى دەسلەپكى ئېچىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھازىر ئىشسىزلىق خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.

قاراماي شەھىرىدە ئىشسىزلىق نىسپىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، 2004 - يىلى خىزمەت ساقلاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلار ئىككى كۇن قاتناشنى توسۇپ نامايىش ئېلىپ بېرىپ، نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. دائىرىلەر نەتىجىدە 3 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى نامايىشقا باشلامچىلىق قىلىدى دەپ قاماققا ھوكۇم قىلىش بىلەن نامايىش نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان ئىدى.

يېقىندا بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردا، قاراماي شەھىرىدە ئىش كۇتۇپ تۇرغان ياشلارنىڭ ساننىڭ 5000 دىن ئاشىدىغانلىقى، يەرلىك دائىرىلەر ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قىيىنلاشتۇرۋاتقانلىقى، ئىشسىزلىق تۇپەيلى ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ھەر خىل تۇيۇق يوللارغا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، ئاتا - ئانىلارغا ئېغىر تۇرمۇش بېسىمى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىقلار مەلۇم بولماقتا.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، قاراماي شەھىرىدىكى بۇ ئىشلاردىن تولۇق خەۋىرى بار، ئەمما ئىسىمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خانىمدىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت