قارامايدىكى ئىشسىز ياشلار مەسىلىسى ئاتا-ئانىلارغا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلمەكتە

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-03-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قارامايغا يۆتكەپ كېلىنگەن كۆچمەنلەر.
خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قارامايغا يۆتكەپ كېلىنگەن كۆچمەنلەر.
RFA

ئىشسىز قالغان پەرزەنتلىرىنىڭ خىزمەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، 2013-يىلى قارامايدىن بېيجىڭغا ئەرزگە بارغان 11 ئانا ئەينى چاغدا قارامايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىلگەن ئىدى. رادىئومىز يېڭىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قاراماي دائىرىلىرى 2013-يىلى 6-ئاي مەزگىلىدە بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بارغان 11 نەپەر ئانىنى مەجبۇرىي قارامايغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ 11 نەپەر ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە قارامايدا ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان ياشلارنىڭ خىزمەت مەسىلىسى 2015-يىلىمۇ ھەل بولمىغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قارامايلىق ئانىلاردىن بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ 4 پەرزەنتى يەنىلا ئىشسىز بولۇپ، تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان چوڭ قىزىنىڭ بۇ يىل 9- ئايدا ئىشتىن بوشىتىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بۇ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرغان.

قارامايدا 1995-يىلدىن بۇيان، ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگىتىپ يۇرتى قارامايغا قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر پەرزەنتلىرىگە نىسبەتەن ئالدى بىلەن بىر تۇتۇش ئىمتىھانغا قاتنىشىش، ئاندىن خىزمەتكە تەقسىم قىلىش سىياسىتى قوللىنىلغاندىن بۇيان ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەن ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى بارغانچە تەسلەشكەن. مەلۇم بولۇشىچە، 2015-يىلغا كەلگەندە ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگىتىپ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئۇيغۇر قاتارلىق ياشلارنىڭ سانى6000 غا يەتكەن. بۇ ئەھۋال ئىشسىز قالغان ياشلارغا ئېغىر دەرىجىدە ئىقتىسادىي ۋە روھى بېسىم ئېلىپ كەلگەندىن باشقا، ياشانغان ئاتا، ئانىلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن بالىلىرىنىڭ ئېغىر يۈكىنى كۆتۈرۈشتەك ۋەزىيەت شەكىللەندۈرگەن. قارامايدا ئۇنىۋېرسىتېت تۈگەتكەن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ بالىلىرى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان مۇشۇنداق شارائىتتا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن تۈركۈم-تۈركۈم خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى يىللاردىن بۇيان قاراماي خەلقىنى نارازى قىلىپ كېلىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.

2013-يىلى پەرزەنتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى توغرىلىق بىرقانچە قېتىم ئەرز قىلىپ بېيجىڭغا قەدەر بارغان ئانىلاردىن دىلبەر خانىم، ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، قارامايدىكى يەرلىك مىللەت ياشلىرىنىڭ يەنىلا ئىشسىز ھالەتتە تۇرۇشى ئاتا، ئانىلارغا ھەر جەھەتتىن ئېغىر بېسىم بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

4 پەرزەنتىنىڭ يەنىلا ئىشسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە ئورۇنلاشقان قىزىنىڭمۇ 9-ئايدا ئىشسىز قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن دىلبەر خانىم، ئالدىنقى يىلى قارامايدىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئۇيغۇر قاتارلىق ياشلارنى نېفىت ساھەسىدىكى ئىش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ بېيجىڭغا بارغان 11 ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ يەنىلا ئىشسىز ھالەتتە يۈرۈشى ياكى ۋاقىتلىق، ياللانما ئىشلارنى قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلبەر خانىم سۆزىدە يەنە، قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ 2013-يىلى قارامايدا ئېلىپ بېرىلغان جىم ئولتۇرۇۋېلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشىدىن كېيىن، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان ياشلارنىڭ يەنىلا ئىشسىز يۈرۈشى ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىقنى كۈچەيتىۋاتقان ئەھۋالدا، ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ يەنىلا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىشسىز قالغان ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ئىشەنچ باغلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نېفىت شەھىرى دەپ ئاتالغان قاراماي، خىتايدىكى 695 شەھەر ئىچىدە ئىقتىسادى، شەھەر تەرەققىياتى جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردىكى شەھەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما 2000-يىللاردىن كېيىن قارامايدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت ياشلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئىشسىز قېلىشتەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. ئەمما مۇشۇنداق شارائىتتا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن تېخنىك ئىشچىلار نامىدىكى كۆچمەنلەرگە ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى ھەقسىز تۇرالغۇ ۋە 5000 سومدىن يۇقىرى بولغان مۇقىم مائاشتىن بەھرىمەن قىلىشى، نۆۋەتتە قاراماينىڭ يەرلىك خەلقىنى نارازى قىلىۋاتقان نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. قارامايدىكى يەرلىك مىللەت ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ تىلغا ئېلىنىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەر ئانالىزلىرىدا، «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارامايغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ، ئۇلارنى ھەر خىل ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلغان شارائىتتا، بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت ياشلىرىغا قارىتا قايتا ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمى، خىتاي تىلى سەۋىيىسى، مىللەت تەركىبى قاتارلىق تۈرلۈك شەرتلەرنى قويۇپ، قارامايدا يەرلىك مىللەت ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدىكى ئېتنىك كەمسىتىش سىياسىتى» دەپ تەرىپلەنمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت