شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۈرك باش كونسۇلى بىلەن كۆرۈشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2014-07-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
شۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۈرۈك باش كونسۇلى بىلەن كۆرۈشتى. 2014-يىلى ئىيۇل، سىتوكھولم.
شۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۈرۈك باش كونسۇلى بىلەن كۆرۈشتى. 2014-يىلى ئىيۇل، سىتوكھولم.
RFA/Ehsan

شۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەزكۇر دۆلەتتە تۇرۇشلۇق تۈرك كونسۇلى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلار تۈرك ۋىزىسى ئېلىشتا يولۇقۇۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان.

شۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تىرىشچانلىقىدا شۋېتسىيە ۋەتەندىشى بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە ۋىزا ئېلىش ئىشلىرى ئىلگىرىكىدىن كۆپ ئاسانلاشقان.

شۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن باشچىلىقىدا ئىككى كىشىلىك ھەيئەت 23-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن شۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا تۇرۇشلۇق تۈركىيەنىڭ باش كونسۇلى بىلەن كۆرۈشۈشتە بولدى.

باش كونسۇل تايلان توكماك، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىدىكى ھەيئەتلەرنى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالدى ۋە قىزغىن سۆھبەتتە بولدى.

باش كونسۇل 2013-يىلى ئاۋغۇستتا يېڭىدىن باش كونسۇللۇققا تەيىنلەنگەن. بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈش ئاساسلىقى باش كونسۇل بىلەن تونۇشۇش، ھەمدە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ساياھەت پاسپورتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە ۋىزا ئېلىش ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش بولۇپ، سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيان قىلىپ كېلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى تەپسىلىي ئاڭلاتتى.

شۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ساياھەت پاسپورتى بىلەن تۈركىيەگە بېرىش ئۈچۈن، تۈركىيە ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا ئالدىغان بولغاچقا ۋىزا ئېلىش ئىشلىرى بىر ئاز مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە تۇغقان يوقلاش ۋە ساياھەتكە بېرىش ئىشلىرىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان ئىدى.

بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىدىكى ھەيئەتلەر كۆپ قېتىم تۈركىيە كونسۇلخانىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللار بىلەن كۆرۈشۈش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى پەقەت ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ گۇۋاھلىقىدا ۋىزا تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارغا تۈركىيە كونسۇلخانىسى شەرت قويماستىن ۋىزا بېرىدىغان بولغان ئىدى.

كۆرۈشۈشتە ۋىزا بۆلۈم مەسئۇللىرىدىن يامغۇر ئۆزدەمىر ۋە ئەرسان بەيلارمۇ بولۇپ، ئۇلارمۇ بۇندىن كېيىنكى ۋىزا ئىشلىرىدا ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ، بارلىق ئىمكانلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە بېرىش ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.

بىز بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇننى زىيارەت قىلدۇق. ئەخمەتجان تۇرسۇن بۈگۈنكى كۆرۈشۈش مەقسىتىنى ۋە كۆرۈشتە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى مۇنداق بايان قىلدى.

تۈركىيەگە ۋىزا ئېلىش ئىشلىرىدا قىيىنچىلىق تارتقان بىر ياش ھازىرقى ۋىزا ئېلىش ئىشلىرىدىكى قۇلايلىقلارنى سېلىشتۇردى.

ئاخىردا ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن شۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە ۋىزا ئېلىش ئىشلىرىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا توختالدى.

ئەخمەتجان تۇرسۇن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىغا ۋاكالىتەن باش كونسۇل ۋە ۋىزا بۆلۈم مەسئۇللىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ چىمەن دوپپىسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى چۈشۈرۈلگەن شارپا ۋە ئىزناك سوۋغا قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت