خىتاي شەرقىي تۈركىستان غازاتچىلىرىنىڭ تەھدىتى كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-12-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
3 نەپەر ئۇيغۇر تيەنئەنمېن مەيدانىدا ماشىنا سوقۇش ۋەقەسى پايدا قىلغاندىن كېيىنكى ساقچىلارنىڭ نەق مەيداننى قورشاپ تۇرغان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 28-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
3 نەپەر ئۇيغۇر تيەنئەنمېن مەيدانىدا ماشىنا سوقۇش ۋەقەسى پايدا قىلغاندىن كېيىنكى ساقچىلارنىڭ نەق مەيداننى قورشاپ تۇرغان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 28-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
AFP

خىتاي دائىرىلىرى ۋە ئاخباراتى كېلەر يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ تەھدىتى كۈچىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق، چەتئەلدىكى بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇقنى داۋاملىق سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە تېررورلۇقنىڭ بۆشۈكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ئىكەن.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر ماقالىدا، 2014-يىلى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقسا، خىتايغا تېررورلۇق تەھدىتى كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ھەرىكەت قابىلىيىتىنى كۈچەيتكەنلىكى، ئۇنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىپ، سۈرىيەگە يوللىغانلىقى، ئۇلارنىڭ سۈرىيەدىكى ئەل-نۇسرا تەشكىلاتىنىڭ تەركىبىدە ئۇرۇشۇۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ كۈچىنى زورايتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە ئۇنىڭ تەھدىتى كۈچىنىشتىن بۇرۇن زەربە بېرىش» ناملىق بۇ ماقالە، سىنگاپور جەنۇبىي ئوكيان ئۇنىۋېرسىتېتى «سىياسىي زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مەسئۇلى روھان گۇراناتنا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىگە ئاساسەن يېزىلغان.

روھان گۇراناتنا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشاش مەيداندا تۇرۇپ، پىكىر قىلىپ كېلىۋاتقان تېررورلۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، سۈرىيەدىن قايتقان ئۇيغۇر غازىلىرىنىڭ خىتايغا قارشى تەشكىللىك ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىشتا كەسكىن، تەجرىبىلىك ۋە ماھارەتلىك بولۇپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي مۇتەخەسسىسى چېن پوكوڭ ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قانلىق ۋەقەلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇق مەۋجۇت بولسا، بۇنىڭ سەۋەبى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق سىياسىتىدۇر.

ئۇ: ئەمەلىيەتتە، تېررورلۇقنىڭ بۆشۈكى ۋە مەنبەسى بۇ تۈزۈمنىڭ ئۆزىدە. چۈنكى، ئۇنىڭ تۈزۈمى ئىستىبدات، ھوقۇق مەركەزلەشكەن، دىنىي ئېتىقاد، سۆز ئەركىنلىكىنى يوقىتىدىغان بىر خىل تۈزۈم. ئۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا خۇسۇسەن شىنجاڭدا يولغا قويغان سىياسىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى، ھەر خىل ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىدىغان سىياسەت. ئۇ كىشىلەرنىڭ ساقال قويۇش، رومال ئارتىش، دوپپا كىيىشىگە ئارىلىشىپ كەلدى. بۇ بىر خىل مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى. ئۇنىڭ بۇ خىل مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئۆزگەرمىسە، ئۇيغۇرلارنى قارشىلىقنى توختاتمايدۇ. دېمەك ئاتالمىش تېررورلۇق كېلىپ چىقىش مەنبەسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىدە، دەپ كۆرسەتتى.

چېن پوكوڭ ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى مانجۇلار جۇڭگونى ئىشغال قىلغان دەسلەپكى يىللاردا خەنزۇلارغا يۈرگۈزگەن سىياسەتكە ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: مانجۇلار جۇڭگونى بېسىۋالغاندا جۇڭگولۇقلاردىن چېچىنىڭ ئالدىنى چۈشۈرۈپ ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچ قويۇشنى تەلەپ قىلغان. نۇرغۇن جۇڭگولۇق بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ ئۆلگەن. ئەينى چاغدا «چاچ بار باش يوق، باش بار چاچ يوق» دېگەن سۆزلەر تارقالغان. نۇرغۇن جۇڭگولۇق مەجبۇرى ئۆرۈمە چاچ قويغان. نۇرغۇن ئادەم بۇنىڭغا قارشىلىق قىلىپ ئۆلگەن. بۈگۈنكى شىنجاڭ ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئەينى يىللاردىكى مانجۇلار خەنزۇلارغا قىرغىنچىلىق قىلغاندا يۈز بەرگەن پاجىئەلەر بۈگۈن شىنجاڭدا تەكرارلىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خەنزۇلىشىشقا مەجبۇرلاپ، ئۇلارنى دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادىتى، تىلى، كىيىم-كېچەكلىرىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاۋاتىدۇ. بىراق، مانجۇلارنىڭ 17-ئەسىردە يولغا قويغان سىياسىتىنى جۇڭگونىڭ 21‏-ئەسىردە يولغا قويۇشى دەۋر ئېقىمىغا خىلاپ. مانا تېررورلۇقنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى، دېدى.

شەرقىي تۈركىستان غازاتچىلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى چەتئەللىك مۇجاھىدلار سېپىدە ئۇرۇشۇۋاتقانلىقى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلە ئەمەس. بۇ قاراشنى ئىلگىرى خىتاي تېررورلۇق مۇتەخەسسىسى لى ۋېي ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى سۈرىيەگە غازاتچىلارنى ئەۋەتىپ تەربىيىلەش بىلەن تەنقىد قىلغان. بىراق، مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى بۇنى رەت قىلىپ، بۇنىڭ مەقسەتلىك ئويدۇرۇلغان تۆھمەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ماقالىسىدە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ باشقا تېررورچى گۇرۇھلار بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ يىپەك يولى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردىكى تېررورلۇق گۇرۇھلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقى، كەلگۈسىدىكى ھۇجۇملارغا ئۇيغۇر بولمىغان مۇسۇلمانلارنىڭ قاتنىشىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ماقالىسىدە يەنە، غەربنى تېررورلۇق مەسىلىسىدە ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىش بىلەن تەنقىد قىلغان. ب د ت ۋە ئامېرىكا ش. ت. ئى ھ نى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى سىياسىي قورال قىلىپ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەۋاتقانلىقى، بۇ خىل ھەقسىز ھۆكۈم يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

غەرب دۇنياسى خىتاينىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، دىنىي ئېتىقادىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغانلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىدا ئورتاق پىكىرگە ئىگە. بۇنى ئامېرىكا، گېرمانىيە چېخىيە، ئەنگلىيە، قاتارلىق ئەللەر ھەر يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن.

چېن پوكوڭ ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلىك ھوقۇققىلا ئەمەس، ئۆزىنىڭ قانۇنىغىمۇ خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتىكى سىياسىتى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتى.

چېن پوكوڭ: جۇڭگو كومپارتىيىسى شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، دەپ قۇرۇق توۋلىسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ يولغا قويغان سىياسىتى مىللەتلەرنىڭ ئايرىش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئىختىلاپ سېلىش سىياسىتىدۇر. بۇنىڭ بۇرۇنقى جەنۇبىي ئافرىقا ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتى بىلەن چوڭ پەرقى يوق. ئۇلار بۇ يىل «ئاكتىپ ھۇجۇم قىلىش»، «ئېغىر سالماق بىلەن زەربە بېرىش»، «نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش» چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئۆزى قانۇننىڭ روھىغا خىلاپ. «ئاكتىپ ھۇجۇم قىلىش» دېگەن قانداق گەپ؟ بۇ باشقىلار ساڭا ھۇجۇم قىلمىسىمۇ، سەن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىل، دېگەنلىك. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «ئېغىر سالماق بىلەن زەربە بېرىش» قانداق گەپ بولدى ئەمدى! قانۇندا ئېغىر-يېنىك دېگەن گەپ يوق. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەدلىيە تەرتىپى ۋە قانۇننى ئاساس ئالىدۇ. ئۇنىڭ «نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش» دېگىنى قانۇننىڭ چەك-چېگرىسىدىن ھالقىغانلىقتۇر. بۇ، قانۇن كېرەك ئەمەس، قانۇنىي تەرتىپكە لازىم يوق، نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈش دېگەنلىك. بۇ خىل قىرغىنچىلىق سىياسىتى شىنجاڭدا تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، خالاس، دەپ كۆرسەتتى.

بىراق، «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلىپ، جۇڭگو ش. ت. ئى. ھ نىڭ ئەسەبىي ئىدېئولوگىيە ۋە تېررورلۇق پەيدا قىلىش تەھدىتىگە سەل قارىماسلىقى كېرەك. ھۆكۈمەت تېررورلۇققا قارشى ئىستىخبارات، ئانالىز ۋە ھەرىكەت قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشى لازىم.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە ماسلاشتۇرۇشى كېرەك. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار دىنىي زاتلار بىلەن يېقىنلىشىپ، ش. ت. ئى. ھ گە قارشى تەشۋىقات ئىقتىدارى ئەھيا قىلىشى زۆرۈر، دېگەن.

لېكىن، چېن پوكوڭ ئەپەندى، پۇل ۋە ئىقتىساد بىلەن مىللىي مەسىلە ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مىللىي مەسىلىنى پۇل بىلەن ھەل بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: بىراق، جۇڭگو كومپارتىيەسى شۇنى چۈشەنمەيدۇ، مىللىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلە ئايرىم-ئايرىم ئىككى مەسىلە. مىللەتلەر ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىززەت‏-ھۆرمىتى، ئەنئەنىسى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ئېھتىياجلىق. ئۇ نوقۇل ئىقتىسادىي تەرەققىياتقىلا ئېھتىياجلىق ئەمەس. جۇڭگو ئىقتىساد ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئويلىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭغا سېلىنغان مەبلەغ خەنزۇ خىيانەتچىلەرنىڭ يانچۇقىغا چۈشۈپ كەتتى. مەسىلەن، سابىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ شەندۇڭ گۇرۇھى شىنجاڭدىكى ئىقتىسادىي تۈرلەرنى كونترول قىلىۋالدى. شۇڭا بۇنىڭدىن ھەقىقىي مەنپەئەت ئالغانلار ئۇيغۇرلارمۇ ئەمەس، ئادەتتىكى خەنزۇ ئاۋام پۇقرالارمۇ ئەمەس. بەلكى خىيانەتچى ئەمەلدارلار. ئۇلار بىر تەرەپتىن، شىنجاڭغا سېلىنغان مەبلەغگە خىيانەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، مەركەزنىڭ مۇقىملىق پۇلىنى يېدى. بۇنداق شارائىتتىكى ئىقتىسادىي ئېچىش سىياسىتى شىنجاڭغا زور خەۋپ ئېلىپ كەلدى، دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت