دولقۇن ئەيسا: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئاز كۆرسىتىشىدە سىياسىي غەرەز بار»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015-10-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قەشقەردىكى مەلۇم بازاردىن كۆرۈنۈش.
قەشقەردىكى مەلۇم بازاردىن كۆرۈنۈش.
Social Media

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆزگەزمىسدىكى سۈرەتلىك ئۇچۇردىن ئايان بولۇشىچە 2014-يىللىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش ستاتىستىكىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى ئومۇمىي نوپۇسى 11 مىليون 271 مىڭ 900 بولۇپ، رايوندىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 48.53% تىنى ئىگىلىگەن. سانلىق مەلۇماتلاردا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ 2% تىن تۆۋەنلىكى، تۇغۇت سەۋىيىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىگەنلىكى قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى سىياسىي غەرەزدە ئاز كۆرستىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «گەرچە ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ھەر خىل باستۇرۇشلىرى ھەمدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى خىتاينىڭ ئېلان قىلغىنىدىن يۇقىرى بۆلىشى كېرەك» دەپ مۇلاھىزە قىلدى.

21-سېنتەبىر دىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تارىخى، كۈرەش تارىخى، ئۆزگىرىش تارىخى قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار نوپۇسىغا دائىر قويۇلغان سۈرەتلىك، سانلىق مەلۇماتلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۇيغۇر نوپۇسى مەسىلىسىدە قايتا غۇلغۇلا قوزغىدى. مەلۇماتلار ئاساسەن خىتاينىڭ 2014-يىللىق مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئولتۇراقلىق ئاھالە 23 مىليون 225 مىڭ 400، (بىڭتۇەننى ھېسابلىمىغاندا) بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 11 مىليون 271 مىڭ 900 بولۇپ، رايوندىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 48.53% تىنى ئىگىلىگەن. خىتايلار بىڭتۇەننى ھېسابلىمىغاندا، 8 مىليون 595 مىڭ 100 بولۇپ ئىگىلىگەن نىسبىتى 37.01%, قالغىنىنى قازاق، قىرغىز قاتارلىق باشقا مىللەتلەر ئىگىلىگەن.

بۇ مەلۇماتلاردا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى 1 يېرىم 2% لىك سەۋىيىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىدەك مەلۇماتلار ئۇيغۇرلاردا گۇمان قوزغىغان. چۈنكى نوپۇسنىڭ ئازىيىشى دەل «پەرزەنت ئازىيىش» كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىۋاسىتە ئاقىۋەتتۇر. ئۇيغۇرلاردا «ئۇنداقتا، بىز كۆپەيمەيۋاتامدۇق؟» دېگەن سوئال تۇغۇلماقتا. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تارقاتقان ئۇيغۇرلار نوپۇسىغا دائىر مەلۇماتلار ئۇيغۇرلارنى قايىل قىلالمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى ئوخشىمىغان مەنبەلەردە، ھەر خىل ساندا كۆرسىتىلىپ كەلمەكتە.

مەنبەسى ئېنىق بولمىغان نوپۇس مەلۇماتلىرىنىڭ ئاساسىي ئېقىم بولۇش ھالىتىگە خاتىمە بېرىش، ھېچ بولمىسا يېڭى بىر مەنبە ھازىرلاش مەقسىتىدە، 2010-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ۋەتىنى ئىچى-سىرتىدىن بولغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ مىننەتسىز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئەڭ يېڭى بولغان، ئۆز قارىشىمىزدا بىر قەدەر ئىلمىي بولغان مەلۇماتلارنى ستاتىستىكا قىلىپ چىقىپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇنىڭدىكى مەلۇماتلارنىڭ كېلىش مەنبەسى رايوندىكى رايون دەرىجىلىك ئىككى شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك يىگىرمە شەھەر، ئاتمىش ئىككى ناھىيە، ئالتە ئاپتونوم ناھىيە، يەتتى ۋىلايەت، بەش ئاپتونوم ئوبلاست، ئون بىر شەھەرگە قاراشلىق رايونلارنىڭ نوپۇسىغا دائىر دائىرىلەر تارقاتقان ئىنتېرنېت مەلۇماتلىرى، ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۇلار تۇرۇشلۇق رايون ۋە مەھەللىلەرنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىغا ئائىت مەلۇماتلارنى ئىگىلەشتىن كەلگەن سانلىق ئۇچۇرلار بولۇپ، ۋەتەن ئىچىدىكى ئەزالار 3000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتنىشىشىدا 2010-يىلى ماي ئېيىدىن باشلاپ، 2012-يىلى ئاپرېلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئالاقىدار كەسپىي بىلىملەرگە ئىگە گۇرۇپپا ئەزالىرى ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارنى رەتلىگەن ۋە ھېسابلاپ چىقارغان نەتىجىسىگە قارىغاندا: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2010-2013-يىللاردىكى ئۇيغۇر نوپۇسى 18،838،470 (ئون سەككىز مىليون سەككىز يۈز ئوتتۇز سەككىز مىڭ تۆت يۈز يەتمىش).

گېرمانىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ يۇقىرىقى سىتاستىكىدىكى سانلىق قىممەتلەر سەل كۆپتۈرۈۋېتىلگەن تەقدىردىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرنىڭ نوپۇس ستاتىستىكىسىدىن ئىشەنچلىك دەپ قارايدىغانلىقى ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارغا يوللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلات، ماتېرىياللاردا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 20 مىليون ئەتراپىدا دەپ كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنداقلا ئۇ، «خىتاينىڭ ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان نوپۇس ستاتىستىكىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 20 يىل بۇرۇن ئېلان قىلىنىۋاتقان ساندىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار كۆپەيمەيۋاتامدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە گەرچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك سىياسىي باستۇرۇشلىرى، ئۆلتۈرۈلۈش، تۈرمىلەرگە ئېلىنىپ يوقىتىۋېتىشلار تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتايلارغا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان نوپۇس چەكلەش سىياسىتى يەنى پەقەت بىر پەرزەنتلىك بولۇش بىلەنلا چەكلەش سىياسىتى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن 30 يىل كېيىن يولغا قويۇلدى، شۇ سەۋەبتىن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىش سەۋىيىسى ۋە نىسبىتى خىتايلارنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولۇشى كېرەك» دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي غەرەزلىك ھالدا ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى ئېغىر دەرىجىدە ئازايتىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى مۇلاھىزە قىلدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئاز كۆرسىتىش خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مونوپوللۇق سىياسىتىنى چىڭىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش تۈپەيلى خەلقئارادا دۇچ كېلىدىغان بېسىملاردىن قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلغان.

نوپۇسشۇناسلارنىڭ قارىشىچە «نوپۇس كۆپىيىشىنىڭ ۋە ئازىيىشىنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنىيىتى بولىدۇ، نورمال ئەھۋالدا، جەمئىيەت تۈزۈمى نىسبەتەن ئادىل (كۆپ سانلىق قوبۇل قىلالايدىغان دەرىجىدە، خۇددى دەۋرىمىزدەك)، ھاكىمىيەت مۇقىم، ئۇرۇش، تەبىئىي ئاپەت، يۇقۇملۇق كېسەلدىن خالى جەمئىيەتنىڭ نوپۇسى سىجىل ئاشىدۇ، ئەمما، نوپۇس ئېشىشنىڭ بىر يۇقىرى چېكى بولىدۇ، چەكلىمىسىز ئېشىۋەرمەيدۇ، بۇ دەل شۇ مەزكۇر رايوننىڭ نوپۇس بېقىش يۇقىرى چېكىدۇر. بۇ چەك زېمىن كۆلىمى، يەر شەكلى، سۇ بايلىقى، تېرىلغۇ مەيدانى، كىلىمات، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، ساقلىق ساقلاش ئىقتىدارى قاتارلىق كۆپ ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك. ئەمما بۇلارمۇ بەزى چاغلاردا مۇتلەق ھەل قىلغۇچ سەۋەب بولالماسلىقىمۇ مۇمكىن، مەسىلەن، ئوخشاش بىر رايوندا ياشىغۇچى ئىككى مىللەتنىڭ نوپۇس قارىشى يەنى نوپۇس مەدەنىيىتى ئوخشىمىسا، نوپۇس كۆپىيىش سۈرئىتىدىمۇ روشەن پەرق بولۇشى مۇمكىن، بىر قىسىم مەدەنىيەتلەردە ‹ئادەم كۆپ بولسا، كۈچ زور بولىدۇ› دەيدىغان قاراش ئىنتايىن ئومۇملاشقان بولغاچقا، نوپۇسى تارىختىن بۇيان ئىزچىل ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان ھالەتتە بولىدۇ، مەيلى مۇنقەرزلىك، مەيلى ئاچارچىلىق بولارنىڭ كۆپىيىشىگە توسالغۇ بولالمايدۇ.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت